كۈيلەرنىڭ كۈيى1uig_ara

1«كۈيلەرنىڭ كۈيى» ــ سۇلايماننىڭ كۈيى.
بىرىنچى قىسىم ــ مۇھەببەتنىڭ باشلىنىشى •••• {1:2-5:1} •••• بىرىنچى خاتىرە ــ توي كۈنى ئۈستىدە بولغان ئويلار {1:2-2:7} •••• بىرىنچى ئويلىنىش ــ شۇلامىت سۇلايماننىڭ ئوردىسىدا ــ توي زىياپىتىگە تەييارلىنىش {2:1-8:1} •••• شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ
2«ئۇ ئوتلۇق ئاغزى بىلەن مېنى سۆيسۇن؛ چۈنكى سېنىڭ مۇھەببىتىڭ شارابتىن شېرىندۇر.3خۇشپۇراقتۇر سېنىڭ ئەتىرلىرىڭ؛ قۇيۇلغان پۇراقلىق ماي سېنىڭ نامىڭدۇر؛ شۇڭلاشقا قىزلار سېنى سۆيىدۇ. كۆڭلۈمنى ئۆزۈڭگە مەھلىيا قىلغايسەن ــ بىز ساڭا ئەگىشىپ يۈگۈرەيلى! ــ پادىشاھ مېنى ئۆز ھۇجرىلىرىغا ئەكىرگەي!»
يېرۇسالېم قىزلىرى سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ
4«بىز سەندىن خۇشال بولۇپ شادلىنىمىز؛ سېنىڭ مۇھەببەتلىرىڭنى شارابتىن ئارتۇق ئەسلەپ تەرىپلەيمىز».
شۇلامىت «يېرۇسالېم قىزلىرى»غا جاۋاب قىلىدۇ
5«ئۇلار سېنى دۇرۇسلۇق بىلەن سۆيىدۇ». ــ «قارا تەنلىك بولغىنىم بىلەن چىرايلىقمەن، ئى يېرۇسالېم قىزلىرى! بەرھەق، كېدارلىقلارنىڭ چېدىرلىرىدەك، سۇلايماننىڭ پەردىلىرىدەك قارىمەن.6ماڭا تىكىلىپ قارىماڭلار، چۈنكى قارىدۇرمەن، چۈنكى ئاپتاپ مېنى كۆيدۈردى؛ ئانامنىڭ ئوغۇللىرى مەندىن رەنجىگەن؛ شۇڭا ئۇلار مېنى ئۈزۈمزارلارنى باققۇچى قىلدى؛ شۇڭا ئۆز ئۈزۈمزارىمنى باقالمىغانمەن».
شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ
7«ھەي، جېنىم سۆيگىنىم، دېگىنە، پاداڭنى قەيەردە باقىسەن؟ ئۇنى كۈن قىيامىدا قەيەردە ئارام ئالغۇزىسەن؟ ھەمراھلىرىڭنىڭ پادىلىرى يېنىدا چۈمپەردىلىك ئاياللاردەك يۈرۈشۈمنىڭ نېمە ھاجىتى؟»
سۇلايمان شۇلامىتنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ
8«ئى قىز-ئاياللار ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزىلى، ئەگەر سەن بۇنى بىلمىسەڭ، پادامنىڭ باسقان ئىزلىرىنى بېسىپ مېڭىپ، پادىچىنىڭ چېدىرى يېنىدا ئۆز ئوغلاقلىرىڭنى ئوزۇقلاندۇرغىن».
ئىككىنچى ئويلىنىش ــ توي زىياپىتىدىكى داستىخان ئۈستىدە بولغان ئويلار •••• سۇلايمان شۇلامىتقا سۆز قىلىدۇ
9«ئى سۆيۈملۈكۈم، مەن سېنى پىرەۋننىڭ جەڭ ھارۋىلىرىغا قېتىلغان بىر بايتالغا ئوخشاتتىم؛10سېنىڭ مەڭزىلىرىڭ تىزىلغان مۇنچاقلار بىلەن، بوينۇڭ مارجانلار بىلەن گۈزەلدۇر.11بىز ساڭا كۈمۈش كۆزلەر قۇيۇلغان، ئالتۇندىن زىبۇ-زىننەتلەرنى ياساپ بېرىمىز».
شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ
12«پادىشاھ توي داستىخىنىدا ئولتۇرغىنىدا، سۇمبۇل مەلھىمىم پۇراق چاچىدۇ؛13مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم، ئۇ ماڭا بىر مونەك مۇرمەككىدۇر، ئۇ كۆكسلىرىم ئارىسىدا قونۇپ قالىدۇ؛14مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا ئەن-گەدىدىكى ئۈزۈمزارلاردا ئۆسكەن بىر غۇنچە خېنە گۈلىدەكتۇر».
ئۈچىنچى ئويلىنىش ــ توي ھۇجرىسىدا بولغان ئويلار {1:15-2:7} •••• سۇلايمان شۇلامىتقا سۆز قىلىدۇ
15«مانا، سەن گۈزەل، ئامرىقىم! مانا، سەن شۇنداق گۈزەل! كۆزلىرىڭ پاختەكلەرنىڭكىدەكتۇر!»
شۇلامىت سۇلايمانغا سۆز قىلىدۇ
16«مانا، سەن گۈزەل، سۆيۈملۈكۈم؛ بەرھەق، يېقىملىق ئىكەنسەن؛ بىزنىڭ ئورۇن-كۆرپىمىز يېشىلدۇر؛17ئۆيىمىزدىكى لىملار كېدىر دەرىخىدىن، ۋاسىلىرىمىز ئارچىلاردىندۇر.