رىملىقلارغا16uig_ara

پاۋلۇسنىڭ ئاخىرقى سالاملىرى

1كەنقرىيا شەھىرىدىكى جامائەتنىڭ خىزمەتچىسى سىڭلىمىز فىبىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلىپ تونۇشتۇرىمەن؛2ئۇنى مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق رەبنىڭ مۇھەببىتىدە قوبۇل قىلىپ كۈتۈۋالغايسىلەر، ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە ھاجىتى چۈشسە، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، جۈملىدىن ماڭىمۇ چوڭ ياردەمچى بولغان.3مەن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، مەسىھ ئەيسادا بولغان خىزمەتداشلىرىم پرىسكا بىلەن ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر4(ئۇلار مېنى دەپ ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىم-خەتىرىگە قارىمىدى. ھەم يالغۇز مەنلا ئەمەس، بەلكى ئەللەردىكى بارلىق جامائەتلەرمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر).5ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە جەم بولىدىغان جامائەتكىمۇ سالام ئېيتقايسىلەر. ئاسىيا ئۆلكىسىدىن مەسىھكە ئېتىقادتا ئەڭ دەسلەپكى مېۋە بولۇپ چىققان، سۆيۈملۈكۈم ئېپەنىتكە سالام ئېيتقايسىلەر.6سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مەريەمگە سالام ئېيتقايسىلەر.7مەن بىلەن زىندانداش بولغان، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىكۇس ۋە يۇنياغا سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار مەندىن ئاۋۋال مەسىھتە بولغان بولۇپ، روسۇللار ئارىسىدىمۇ ئابرۇيلۇقتۇر.8رەببىمىزدە بولغان سۆيۈملۈكۈم ئامپلىياتقا سالام ئېيتقايسىلەر.9بىز بىرگە ئىشلىگەن مەسىھتە بولغان خىزمەتدىشىمىز ئۇربانۇس ۋە سۆيۈملۈكۈم ستاخۇسلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.10سىناقلاردىن ئۆتكەن، مەسىھتە سادىق ئىسپاتلىنىپ كەلگەن ئاپېلىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. ئارىستوۋۇلۇسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر.11يەھۇدىي قېرىندىشىم ھېرودىيونغا، ناركىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن رەبدە بولغانلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.12رەبنىڭ خىزمىتىدە جاپا تارتىۋاتقان ترىفېنا ۋە ترىفوسا خانىمغا سالام ئېيتقايسىلەر. رەبنىڭ خىزمىتىدە نۇرغۇن جاپا تارتقان سۆيۈملۈك سىڭلىم پەرسىسقا سالام ئېيتقايسىلەر.13رەبدە تاللانغان رۇفۇسقا ۋە ئۇنىڭ ماڭىمۇ ئانا بولغان ئانىسىغا سالام ئېيتقايسىلەر.14ئاسىنكرىتۇس، فىلىگون، ھەرمىس، پاتروباس، ھېرماس ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى قېرىنداشلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.15فىلولوگۇس ۋە يۇلياغا، نېرىئۇس ۋە سىڭلىسىغا، ئولىمپاس ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىكى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام ئېيتقايسىلەر.16بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. مەسىھنىڭ ھەممە جامائەتلىرىدىن سىلەرگە سالام!
ئاخىرقى نەسىھەت
17قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە قارشى چىققان، ئاراڭلاردا ئىختىلاپلارنى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئادەمنى ئېتىقاد يولىدىن تېيىلدۇرىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن نېرى بولۇڭلار.18بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز قارنىغا قۇل بولىدۇ؛ ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەت سۆزلىرى بىلەن ساددىلارنىڭ قەلبىنى ئازدۇرىدۇ.19سىلەرنىڭ رەبكە بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلاردىن ھەممەيلەن خەۋەر تاپتى. شۇڭا ئەھۋالىڭلاردىن شادلىنىمەن؛ شۇنداقتىمۇ، ياخشى ئىشلار جەھەتتە ئاقىل بولۇشۇڭلارنى، يامان ئىشلارغا نىسبەتەن نادان بولۇشۇڭلارنى خالايمەن.20ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا يەنجىيدۇ. رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!
21خىزمەتدىشىم تىموتىي، يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم لۇكيۇس، ياسون ۋە سوسپاتىرلاردىن سىلەرگە سالام.22(ئۇشبۇ خەتكە قەلەم تەۋرەتكۈچى مەنكى تەرتىيمۇ رەبدە سىلەرگە سالام يوللايمەن).23ماڭا ۋە ئۆيىدە دائىم يىغىلىدىغان پۈتۈن جامائەتكە ساھىبخانلىق قىلىدىغان گايۇستىن سىلەرگە سالام. شەھەرنىڭ خەزىنىچىسى ئېراستۇس سىلەرگە سالام يوللايدۇ، قېرىندىشىمىز كۇۋارتۇسمۇ شۇنداق.24رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن!
دۇئا ۋە مەدھىيە
25ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان سۈكۈتتە ساقلىنىپ كەلگەن سىرنىڭ ۋەھىي قىلىنىشى بويىچە، مېنىڭ ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بۇ خۇش خەۋەر، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ جاكارلىنىشى بىلەن سىلەرنى مۇستەھكەملەشكە قادىر بولغۇچىغا شان-شەرەپ بولغاي!26سىر بولسا ئىنسانلارنى ئېتىقادتىكى ئىتائەتمەنلىك يولىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن ھەم بىۋاسىتە ھەم بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يېزىپ قالدۇرغانلىرى ئارقىلىق، ھازىر بارلىق ئەللەرگە ۋەھىي قىلىندى؛27شۇنداق قىلغان بىردىنبىر دانا بولغۇچى خۇداغا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد بولغاي! ئامىن!