زەبۇر
97
/
uig_ara
97-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ سەلتەنىتى كېلىدۇ!
1
پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! يەر-زېمىن خۇش بولسۇن، كۆپلىگەن ئاراللار شادلانسۇن!
2
بۇلۇتلار ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئەتراپىدىدۇر، ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەختىنىڭ ئۇلىدۇر؛
3
ئۇنىڭ ئالدىدا ئوت يالقۇنى يۈرىدۇ، ئەتراپتىكى دۈشمەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ؛
4
ئۇنىڭ چاقماقلىرى جاھاننى يورۇتتى، يەر بۇنى كۆرۈپ تىترەپ كەتتى؛
5
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، پۈتكۈل زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ئالدىدا، تاغلار مومدەك ئېرىپ كېتىدۇ.
6
ئاسمانلار ئۇنىڭ ھەققانىيىتىنى جاكارلايدۇ، بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىدۇ.
7
ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار، بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇياتتا قالىدۇ. بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار!
info
8
سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ سەۋەبىدىن، ئى پەرۋەردىگار، زىئون ئاڭلاپ شادلاندى، يەھۇدا قىزلىرى خۇش بولدى.
9
چۈنكى سەن پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىكى ئەڭ ئالىيسىدۇرسەن؛ سەن بارلىق ئىلاھلاردىن نەقەدەر يۇقىرىدۇرسەن!
10
پەرۋەردىگارنى سۆيگەنلەر، يامانلىقتىن نەپرەتلىنىڭلار! ئۇ مۆمىن بەندىلىرىنىڭ جېنىدىن خەۋەر ئالىدۇ، رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن خالاس قىلىدۇ.
11
ھەققانىيلار ئۈچۈن نۇر، دىلى دۇرۇسلار ئۈچۈن شادلىق تېرىلغاندۇر؛
12
پەرۋەردىگاردىن شادلىنىڭلار، ئى ھەققانىيلار، ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار!
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter