زەبۇر
93
/
uig_ara
93-كۈي •••• پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك ھۆكۈمراندۇر
1
پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ! ئۇ ھەيۋەتنى كىيىم قىلىپ كىيگەن؛ پەرۋەردىگار كىيىنگەن، ئۇ بېلىنى قۇدرەت بىلەن باغلىغان؛ بەرھەق، شۇڭا دۇنيا مەزمۇت قىلىنغان، ئۇ تەۋرەنمەس ئەسلا.
2
سېنىڭ تەختىڭ قەدىمدىلا بەرپا قىلىنغان؛ سەن ئەزەلدىن بار بولغۇچىسەن!
3
كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى، ئى پەرۋەردىگار، كەلكۈن-تاشقىنلار ئۆز ساداسىنى كۆتۈردى! كەلكۈن-تاشقىنلار ئۇرغۇچى دولقۇنلىرىنى يۇقىرى كۆتۈردى!
4
كۆپ سۇلارنىڭ شاۋقۇنلىرىدىن، دېڭىز-ئوكياندىكى قۇدرەتلىك دولقۇنلاردىن، ئۈستۈن تۇرغان پەرۋەردىگار قۇدرەتلىكتۇر!
info
5
سېنىڭ ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ نېمىدېگەن ئىشەنچلىكتۇر! كۈنلەر يوق بولغۇچە، ئى پەرۋەردىگار، ئۆيۈڭگە پاك-مۇقەددەسلىك ئەبەدىلئەبەد راۋادۇر.
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter