زەبۇر70uig_ara
70-كۈي •••• «پەرۋەردىگار، تېز كەلگەيسەن!»
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئەسلىتىش ئۈچۈن» ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــپەرۋەردىگار، مېنى قۇتقۇزۇشقا ئالدىرىغايسەن! پەرۋەردىگار، تېز كېلىپ ماڭا ياردەم قىلغايسەن!2مېنىڭ جېنىمنى ئىزدەۋاتقانلار يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنسۇن؛ مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇرسەن بولغانلار كەينىگە ياندۇرۇلۇپ شەرمەندە بولغاي.3مېنى: ــ «ۋاھ! ۋاھ!» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئۆز شەرمەندىلىكىدىن كەينىگە يانغاي!4بىراق سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سەندە شادلىنىپ خۇشال بولغاي! نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەمىشە: «خۇدا ئۇلۇغلانسۇن» دېيىشكەي.5بىراق مەن ئېزىلگەنمەن، ھەم يوقسۇلمەن؛ يېنىمغا تېزدىن كەل، ئى خۇدا! سەن مېنىڭ ياردەمچىم، مېنىڭ ئازاد قىلغۇچىم؛ ئى پەرۋەردىگار، كېچىكمەي كەلگەيسەن!