زەبۇر
57
/
uig_ara
57-كۈي •••• ئېغىر كۈنلەردىكى ئېتىقاد
1
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى، (ئۇ سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇۋالغان چاغدا يېزىلغان): ــ ئى خۇدا، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، ماڭا شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، چۈنكى جېنىم سېنى پاناھىم قىلدى. مۇشۇ بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتكۈچە، قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن.
info
2
خۇداغا، يەنى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا، ئۆزۈم ئۈچۈن ھەممىنى ئورۇنلايدىغان تەڭرىگە نىدا قىلىمەن؛
3
ئۇ ئەرشتىن ياردەم ئەۋەتىپ مېنى قۇتقۇزىدۇ؛ ماڭا قاراپ نەپسى يوغىناپ، مېنى قوغلاۋاتقانلارنى ئۇ رەسۋا قىلىدۇ؛ سېلاھ؛ خۇدا ئۆز مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتىنى ئەۋەتىدۇ!
4
جېنىم شىرلار ئارىسىدا قالدى؛ مەن نەپىسى يالقۇن كەبى بولغانلار ئارىسىدا ياتىمەن! ئادەم بالىلىرى ــ ئۇلارنىڭ چىشلىرى نەيزە-ئوقلاردۇر، ئۇلارنىڭ تىلى ــ ئۆتكۈر قىلىچتۇر!
5
ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن، شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي!
6
ئۇلار قەدەملىرىمگە تور قۇردى؛ جېنىم ئېگىلىپ كەتتى؛ ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا ئورەك كولىغانىدى، لېكىن ئۆزلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.
7
ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛ مەن مەدھىيە ناخشىلارنى ئېيتىپ، بەرھەق سېنى كۈيلەيمەن!
8
ئويغان، ئى روھىم! ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان! مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن!
info
9
مەن خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى رەب؛ ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن!
10
چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئەرشلەرگە يەتكۈدەك ئۇلۇغدۇر؛ ھەقىقىتىڭ بۇلۇتلارغا تاقاشتى.
11
ئى خۇدا، ئەرشلەردىن يۇقىرى ئۇلۇغلانغايسەن، شان-شەرىپىڭ يەر يۈزىنى قاپلىغاي!
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter