زەبۇر37uig_ara
37-كۈي •••• ياخشىلار بىلەن يامانلارنىڭ تەقدىرى •••• «ئېلىپبە تەرتىپلىك» كۈي
1داۋۇت يازغان كۈي: ــ|א| يامانلىق قىلغۇچىلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە، ناكەسلەرگە ھەسەت قىلما.2چۈنكى ئۇلار ئوت-چۆپلەردەك تېزلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، يۇمران ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش توزۇپ كېتىدۇ.3|ב| پەرۋەردىگارغا تايان، تىرىشىپ ياخشىلىق قىل، زېمىندا ماكانلىشىپ ياشاپ، ئۇنىڭ ۋاپا-ھەقىقىتىنى ئوزۇق بىلىپ ھۇزۇرلان.4«پەرۋەردىگارنى خۇرسەنلىكىم» دەپ بىلگىن، ئۇ ئارزۇ-تىلەكلىرىڭگە يەتكۈزىدۇ.5|ג| يولۇڭنى پەرۋەردىگارغا ئامانەت قىل؛ ئۇنىڭغا تايان، ئۇ چوقۇم تىلىكىڭنى ئىجابەت قىلىدۇ.6|ד| ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى نۇردەك، ئادالىتىڭنى چۈشتىكى قۇياشتەك چاقنىتىدۇ.7|ד| پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىنچ بولۇپ، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈت؛ ھارامدىن روناق تاپقان ئادەم تۈپەيلىدىن، يامان نىيەتلىرى ئىشقا ئاشىدىغان كىشى تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە.8|ה| ئاچچىقىڭدىن يان، غەزەپتىن قايت، ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە؛ ئۇ پەقەت سېنى يامانلىققا ئېلىپ بارىدۇ.9چۈنكى يامانلىق قىلغۇچىلار زېمىندىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر بولسا، زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.10|ו|: كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا، رەزىل ئادەم ھالاك بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ماكانىغا سەپسېلىپ قارىساڭ، ئۇ يوق بولىدۇ.11بىراق ياۋاش-مۆمىنلەر زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ، ۋە چەكسىز ئارامبەخشلىكتىن ھۇزۇرلىنىدۇ.12|ז| رەزىل ئادەم ھەققانىيغا قەست قىلىدۇ؛ ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىدۇ؛13لېكىن رەب ئۇنىڭغا قاراپ كۈلىدۇ؛ چۈنكى رەب ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈننى كۆرىدۇ.14|ח| ياۋاشلار ۋە يوقسۇللارنى يىقىتىش ئۈچۈن، يولى دۇرۇسلارنى قىرىپ تاشلاش ئۈچۈن، رەزىللەر قىلىچىنى غىلىپىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى تارتىپ تەييارلىدى.15لېكىن قىلىچى بولسا ئۆز يۈرىكىگە سانجىلىدۇ، ئوقيالىرى سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ.16|ט| ھەققانىيلاردىكى «ئاز»، كۆپلىگەن يامانلارنىڭ بايلىقلىرىدىن ئەۋزەلدۇر.17چۈنكى رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى يۆلەيدۇ؛18|י| پەرۋەردىگار كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ كۈنلىرىنى بىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مىراسى مەڭگۈگە بولىدۇ.19ئۇلار ئېغىر كۈنلەردە يەرگە قاراپ قالمايدۇ؛ قەھەتچىلىكتىمۇ ئۇلار توق يۈرىدۇ.20|כ| بىراق رەزىللەر ھالاك بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقۇچىلار چىمەنزاردىكى گۈل-گىياھدەك توزۇپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۈگەيدۇ؛ ئىس-تۈتۈندەك تارقىلىپ تۈگەيدۇ.21|ל| رەزىل ئادەم ئۆتنە ئېلىپ قايتۇرمايدۇ؛ ئەمما ھەققانىي ئادەم مېھرىبانلىق بىلەن ئۆتنە بېرىدۇ؛22چۈنكى پەرۋەردىگار رەھمەت قىلغانلار زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلار ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛23|מ| مەردانە ئادەمنىڭ قەدەملىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر؛ رەب ئۇنىڭ يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ.24ئۇ تېيىلىپ كەتسىمۇ، يىقىلىپ چۈشمەيدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۆلەپ تۇرىدۇ.25|נ| مەن ياش ئىدىم، ھازىر قېرىپ قالدىم؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى، ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى ئەسلا كۆرگەن ئەمەسمەن؛26ئۇ كۈن بويى مەرد-مېھرىبان بولۇپ ئۆتنە بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ خەلققە بەرىكەت يەتكۈزىدۇ.27|ס| يامانلىقنى تاشلاڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، مەڭگۈ ياشايسىلەر!28چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتنى سۆيىدۇ، ئۇ ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنى تاشلىمايدۇ؛ ئۇلار مەڭگۈگە ساقلىنىدۇ؛ |ע| لېكىن رەزىللەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.29ھەققانىيلار يەر-جاھانغا ئىگە بولىدۇ، ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۇنىڭدا ماكان تۇتۇپ ياشايدۇ.30|פ| ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى دانالىق جاكارلايدۇ؛ ئۇنىڭ تىلى ئادىل ھۆكۈملەرنى سۆزلەيدۇ؛31قەلبىدە خۇدانىڭ مۇقەددەس قانۇنى تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ قەدەملىرى تېيىلىپ كەتمەس.32|צ| رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى پايلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرگۈدەك پەيتنى ئىزدەپ يۈرىدۇ.33لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى دۈشمەننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈرمەيدۇ؛ ياكى ھۆكۈمدە ئۇنى گۇناھقا پۈتمەيدۇ.34|ק| پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈت، ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتقىن؛ ئۇ سېنىڭ مەرتىۋەڭنى كۆتۈرۈپ، زېمىنغا ئىگە قىلىدۇ ، رەزىللەر ھالاك قىلىنغاندا، سەن بۇنى كۆرىسەن.35|ר| مەن رەزىل ئادەمنىڭ زومىگەرلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم، ئۇ خۇددى ئاينىغان باراقسان ياپيېشىل دەرەختەك روناق تاپقان.36بىراق ئۇ ئۆتۈپ كەتتى، مانا، ئۇ يوق بولدى؛ مەن ئۇنى ئىزدىسەممۇ، ئۇ تېپىلمايدۇ.37|ש| مۇكەممەل ئادەمگە نەزەر سال، دۇرۇس ئىنسانغا قارا! چۈنكى بۇنداق ئادەمنىڭ ئاخىر كۆرىدىغىنى ئارامبەخش خاتىرجەملىك بولىدۇ.38ئىتائەتسىزلەر بولسا بىرلىكتە ھالاك بولىشىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئۈزۈلىدۇ؛39|ח| بىراق ھەققانىيلارنىڭ نىجاتلىقى پەرۋەردىگاردىندۇر؛ ئۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك پاناھىدۇر.40پەرۋەردىگار ياردەم قىلىپ ئۇلارنى ساقلايدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى رەزىللەردىن ساقلاپ قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنى باشپاناھى قىلىدۇ.