زەبۇر
17
/
uig_ara
17-كۈي •••• تەكەببۇرلارنىڭ بېسىمىدىن قۇتقۇزغايسەن!
1
داۋۇتنىڭ دۇئاسى: ــ ھەققانىي تەلەپنى ئاڭلا، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ نىدايىمغا كۆڭۈل قويغىن؛ مېنىڭ دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن، ئۇ يالغانچى لەۋلەردىن چىققان ئەمەس.
2
ھۇزۇرۇڭدىن ھۆكۈمۈم چىقىرىلغاي! كۆزۈڭ نېمە دۇرۇس ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكەي!
3
سەن مېنىڭ قەلبىمنى سىنىغانسەن، سەن كېچىدىمۇ ماڭا يېقىنلىشىپ كۆزەتتىڭ؛ سەن مېنى تاۋلاپ كۆزۈڭدىن كەچۈردىڭسەن، مېنىڭدىن ھېچبىر سەۋەنلىك تاپالمىدىڭ؛ كۆڭلۈمدە: ئاغزىم ئىتائەتسىزلىك قىلمىسۇن! ــ دەپ نىيەت قىلدىم.
4
ئادەم بالىلىرىنىڭ ھاياتتىكى ئىشلىرىدا، لەۋلىرىڭدىن چىققان سۆزلەر بىلەن زوراۋانلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆزۈمنى نېرى قىلدىم.
5
مېنىڭ قەدەملىرىم يوللىرىڭدىن چىقمىغان، پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىگەن.
6
مەن ساڭا ئىلتىجا قىلدىم، چۈنكى تىلەكلىرىمنى ئىجابەت قىلىسەن، ئى تەڭرىم؛ ماڭا قۇلاق سالغىن، سۆزلىرىمنى ئاڭلىغىن.
7
ئى، ئۆزۈڭگە تايانغانلارنى قارشى چىققۇچىلاردىن ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغۇچى، كارامەتلىرىڭنى كۆرسىتىپ، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى ئايان قىلغايسەن!
info
8
مېنى كۆز قارىچۇقۇڭدەك ساقلىغايسەن؛ قاناتلىرىڭ سايىسىدە مېنى يوشۇرغايسەن؛
9
مېنى بۇلىماقچى بولغان رەزىل ئادەملەردىن، مېنى قورشىۋالغان ئەشەددىي كۈشەندىلىرىمدىن يوشۇرغىن؛
10
ئۇلارنىڭ باغرىنى ماي قاپلاپ، قېتىپ كەتكەن؛ ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى تەكەببۇرلارچە سۆزلەيدۇ؛
info
11
ئۇلار يولىمىزنى تورىۋېلىپ، بىزنى يەرگە ئۇرۇشقا كۆزىنى ئالايتىپ،
info
12
ئولجىغا ئاچ كۆزلۈك بىلەن تىكىلگەن شىردەك، يوشۇرۇن جايلاردا ماراپ يۈرىدىغان ياش شىردەكتۇر.
13
ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ، يەر بىلەن يەكسان قىلغايسەن، جېنىمنى رەزىل ئادەمدىن قۇتقۇزغىن، قىلىچىڭ بىلەن؛
14
مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن كىشىلەردىن، يەنى مۇشۇ دەۋردىكى كىشىلەردىن قۇتقۇزغىن؛ ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى بولسا مۇشۇ دۇنيادىلادۇر؛ سەن ئۇلارنىڭ قارنىنى نېمەتلىرىڭ بىلەن تولدۇرىسەن؛ ئۇلارنىڭ كۆڭلى پەرزەنتلىرى بىلەن قاندى، بالىلىرىغا بايلىقلىرىنى قالدۇرىدۇ.
15
مەن بولسام، ھەققانىيلىقتا يۈزۈڭگە قارىغۇچى بولىمەن؛ ئويغانغىنىمدا، سېنىڭ دىدارىڭدىن سۆيۈنىمەن!
info
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter