زەبۇر110uig_ara
110-كۈي •••• كەلگۈسىدىكى ئالەمنىڭ پادىشاھى ــ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى مەسىھ
1داۋۇت يازغان كۈي: ــپەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن» ــ دېدى.2پەرۋەردىگار قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىدىغان شاھانە ھاساڭنى زىئوندىن ئۇزىتىدۇ؛ دۈشمەنلىرىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرگىن!3كۈچۈڭنى كۆرسىتىدىغان كۈندە، ئۆز خەلقىڭ خالىس قۇربانلىق كەبى پىدا بولىدۇ؛ مۇقەددەس ھەيۋىتىڭدە، شۇ ياشلىق دەۋرىڭدىكىدەك، ساڭا ھازىرمۇ شەبنەملەر سەھەرنىڭ بالىياتقۇسىدىن يېڭى چىققاندەك چۈشىدۇ؛4پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم ئىچتى، ھەم بۇنىڭدىن يانمايدۇ: ــ «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن».5ئوڭ تەرىپىڭدە بولغان رەب غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈندە پادىشاھلارنى ئۇرۇپ پارە-پارە قىلىۋېتىدۇ؛6ئۇ ئەللەر ئارىسىدا سوتلايدۇ؛ جاي-جايلارنى جەسەتلەر بىلەن تولدۇرىدۇ؛ كەڭ زېمىننىڭ بېشىنى يارىدۇ؛7ئۇ يولدا ئېرىقتىن سۇ ئىچىدۇ؛ ئۇ شۇڭا كىشىنىڭ بېشىنى يۆلىگۈچى بولىدۇ.