پەند-نەسىھەتلەر
25
/
uig_ara
سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرىنىڭ داۋامى
1
تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغانلىرىمۇ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى؛ بۇلارنى يەھۇدانىڭ پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوردىسىدىكىلەر كۆچۈرۈپ خاتىرىلىگەن: ــ
2
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ــ ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنى ئاشكارىلىمىغىنىدا؛ پادىشاھلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ــ بىر ئىشنىڭ سىرىنى يېشەلىگىنىدە.
3
ئەرشنىڭ ئېگىزلىكىنى، زېمىننىڭ چوڭقۇرلۇقىنى، ۋە پادىشاھلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى مۆلچەرلەپ بىلگىلى بولماس.
4
ئاۋۋال كۈمۈشنىڭ پوقى ئايرىلىپ تاۋلانسا، ئاندىن زەرگەر نەپىس بىر قاچا ياساپ چىقار.
5
ئاۋۋال پادىشاھنىڭ ئالدىدىكى رەزىل خىزمەتكارلىرى قوغلىۋېتىلسە، ئاندىن ئۇنىڭ تەختى ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلار.
6
پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى ھەممىنىڭ ئالدى قىلىپ كۆرسەتمە، ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئەربابلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇۋالما؛
7
ئورنۇڭنى ئۆزۈڭدىن يۇقىرى جانابقا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا پەگاھقا چۈشۈرۈلگىنىڭدىن كۆرە، ئۆزگىلەرنىڭ سېنى تۆرگە تەكلىپ قىلغىنى ياخشىدۇر.
info
8
ئالدىراپ دەۋاغا بارمىغىن، مۇبادا بېرىپ، يېقىنىڭ ئۈستۈن چىقىپ سېنى لەت قىلسا، قانداق قىلىسەن؟
9
يېقىنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشسەڭ، باشقىلارنىڭ سىرىنى ئاچما.
10
بولمىسا، بۇنى بىلگۈچىلەر سېنى ئەيىبلەيدۇ، سېسىق نامدىن قۇتۇلالمايسەن.
11
ۋاقتى-جايىدا قىلىنغان سۆز، كۈمۈش رامكىلارغا تىزىلغان ئالتۇن ئالمىلاردۇر.
12
قۇلاققا ئالتۇن ھالقا، نەپىس ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇمى ياراشقاندەك، ئاقىلانىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى كۆڭۈل قويغاننىڭ قۇلىقىغا يارىشار.
13
خۇددى ئورما ۋاقتىدىكى تومۇزدا ئىچكەن قار سۈيىدەك، ئىشەنچلىك ئەلچى ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىلەرگە شۇنداق بولار؛ ئۇ خوجايىنلىرىنىڭ كۆكسى-قارنىنى ياشارتار.
info
14
يامغۇرى يوق بۇلۇت-شامال، يالغان سوۋغاتنى ۋەدە قىلىپ ماختانغۇچىغا ئوخشاشتۇر.
15
ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلىنسا، ھۆكۈمدارمۇ قايىل قىلىنار، يۇمشاق تىل سۆڭەكلەردىنمۇ ئۆتەر.
16
سەن ھەسەل تېپىۋالدىڭمۇ؟ ئۇنى پەقەت تويغۇچىلا يە، كۆپ يېسەڭ ياندۇرۇۋېتىسەن.
17
قوشناڭنىڭ بوسۇغىسىغا ئاز دەسسە، ئۇلار سەندىن تويۇپ، ئۆچ بولۇپ قالمىسۇن.
18
يالغان گۇۋاھلىق بىلەن يېقىنىغا قارا چاپلىغۇچى، خۇددى گۈرزە، قىلىچ ۋە ئۆتكۈر ئوققا ئوخشاشتۇر.
19
سۇنۇق چىش بىلەن چايناش، توكۇر پۇت بىلەن مېڭىش، كۈلپەت كۈنىدە ۋاپاسىز كىشىگە ئۈمىد باغلىغاندەكتۇر.
20
قىش كۈنىدە كىشىلەرنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇۋېتىش، ياكى سۇدا ئۈستىگە ئاچچىق سۇ قۇيۇش، قايغۇلۇق كىشىنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتقاندەكتۇر.
info
21
دۈشمىنىڭنىڭ قورسىقى ئاچ بولسا، نان بەر؛ ئۇسسىغان بولسا سۇ بەر؛
info
22
شۇنداق قىلساڭ، بېشىغا كۆمۈر چوغىنى توپلاپ سالغان بولىسەن، ۋە پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى ساڭا ياندۇرىدۇ.
info
23
شىمال تەرەپتىن چىققان شامال قاتتىق يامغۇر ئېلىپ كەلگەندەك، چېقىمچى شۇم چىراينى كەلتۈرەر.
24
سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن ئازادە ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە، ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا يالغۇز يېتىپ-قوپقان ياخشى.
info
25
ئۇسساپ كەتكەن كىشىگە مۇزدەك سۇ بېرىلگەندەك، يىراق يۇرتتىن كەلگەن خۇش خەۋەرمۇ ئەنە شۇنداق بولار.
26
پېتىقدىلىپ سۈيى لېيىپ كەتكەن بۇلاق، سۈيى بۇلغىۋېتىلگەن قۇدۇق، رەزىللەرگە يول قويغان ھەققانىي ئادەمگە ئوخشاشتۇر.
27
ھەسەلنى ھەددىدىن زىيادە يېيىش ياخشى بولماس؛ بىراق ئۇلۇغلۇقنى ئىزدەشنىڭ ئۆزى ئۇلۇغ ئىشتۇر.
info
28
ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشى، ۋەيران بولغان، سېپىلسىز قالغان شەھەرگە ئوخشايدۇ.
info
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter