فىلىپپىلىقلارغا1uig_ara

روسۇل پاۋلۇس فىلىپپى شەھىرىدىكى جامائەتكە يازغان مەكتۇپ

1ئەيسا مەسىھنىڭ قۇللىرى بولغان پاۋلۇس ۋە تىموتىيدىن، فىلىپپىدا تۇرۇۋاتقان، مەسىھ ئەيسادا بولغان بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە، يېتەكچىلەر ۋە خىزمەتچىلەرگە سالام!2سىلەرگە خۇدائاتىمىز ۋە رەب ئەيسا مەسىھتىن مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىنغاي!3ھەرقېتىم سىلەرنى ئەسلىگىنىمدە مەن خۇدايىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛4ھەرقېتىم دۇئا قىلغىنىمدا، سىلەرنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر سىلەرنىڭ خۇش خەۋەر خىزمىتىگە بولغان ھەمكارلىقىڭلار تۈپەيلىدىن توختىماي شاد-خۇراملىق بىلەن سىلەرگە دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىمەن؛6چۈنكى مېنىڭ دەل شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، سىلەردە ياخشى ئىشنى باشلىغۇچى بۇ ئىشنى تاكى ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنىگىچە كامالەتكە يەتكۈزۈپ تاماملايدۇ؛7مېنىڭ ھەممىڭلار توغرۇلۇق شۇنداق ئويلىشىم توغرىدۇر؛ چۈنكى مەن قەلبىڭلاردىدۇرمەن؛ مەن زىنداندا زەنجىرلەنگىنىمدىمۇ ۋە خۇش خەۋەرنى ئاقلىغىنىمدىمۇ، دەلىللىگىنىمدىمۇ خۇدا ماڭا يەتكۈزگەن مېھىر-شەپقەتتىن سىلەرمۇ ئورتاق بەھرىمەن بولىسىلەر.8مېنىڭ مەسىھ ئەيسانىڭ ئىچ-باغرىدا بولۇپ سىلەرنى شۇنچىلىك تەلپۈنۈپ سېغىنغانلىقىمغا خۇدا ئۆزى گۇۋاھچىدۇر.9مېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىم بولسا، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەرتەرەپلىمە بىلىم ۋە ئەتراپلىق ساۋات بىلەن يورۇتۇلۇپ تېخىمۇ ئېشىپ تاشقايكى،10سىلەر نېمە ئىشلارنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇپ، مەسىھنىڭ كۈنىدە پاك-دىيانەتلىك، ئەيىبسىز بولىسىلەر11ھەمدە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بولغان، خۇدانىڭ شان-شەرىپى ھەم مەدھىيىسىنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەققانىيلىقنىڭ مېۋىسى بىلەن تولدۇرۇلىسىلەر.12بىراق سىلەرگە شۇنى خەۋەرلەندۈرمەكچىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، مېنىڭ بۇ ئەھۋالىم ئەمەلىيەتتە خۇش خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى؛13چۈنكى مېنىڭ قامىلىشىم مەسىھ ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئىمپېراتور ئوردىسىدىكى قاراۋۇلخانىدىكىلەرگە ۋە باشقا ھەممەيلەنگە ئايان بولدى.14شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى مېنىڭ قامىلىشىم تۈپەيلىدىن رەبگە تايىنىپ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى قورقماي سۆزلەشكە تېخىمۇ جۈرئەتلىك بولدى؛15دەرۋەقە، بەزىلىرى ھەسەت قىلىپ ياكى رىقابەتلىشىپ، بەزىلىرى ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مەسىھنى جاكارلايدۇ؛16كېيىنكىلىرى بولسا بەرھەق مۇھەببەتتىن، مېنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاقلاپ ئىسپاتلىشىم ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە قويۇلغانلىقىمنى بىلگەنلىكىدىن شۇنداق قىلماقتا؛17ئالدىنقىلىرى بولسا چىن كۆڭلىدىن ئەمەس، بەلكى شەخسىيەتچىلىكىدىن، مېنىڭ زەنجىرلەنگەن دەردىمگە دەرد قوشماقچى بولۇپ شۇنداق قىلماقتا.18ئەمدى بۇلارغا نېمە دېگۈلۈك؟ قانداقلا بولمىسۇن، توغرا نىيەتتىن بولسۇن ساختىلىقتىن بولسۇن، ئوخشاشلا مەسىھ جاكارلىنىدۇ؛ مەن شۇنىڭغا شادلىنىمەن؛ بەرھەق، داۋاملىق شادلىنىۋېرىمەن.19چۈنكى دۇئالىرىڭلار ۋە مەسىھ ئەيسانىڭ روھىنىڭ قۇۋۋەتلىشى ئارقىلىق بۇ ئىشلار نىجات-قۇتقۇزۇلۇشۇمغا مەدەت بولىدۇ دەپ بىلىمەن،20ــ دېمەك، تەقەززالىقىم ۋە ئۈمىد-ئىستىكىم بويىچە ھېچ ئىشتا خىجالەتچىلىكتە قالماستىن، تىرىك ياكى ئۆلۈك بولاي، ھەردائىم بولغىنىدەك ھازىرمۇ تولۇق جاسارەت بىلەن مەسىھ تېنىمدە ئۇلۇغلانسۇن!21چۈنكى ماڭا نىسبەتەن ھاياتىمنىڭ ئۆزى مەسىھدۇر، ئۆلۈش بولسا تېخىمۇ پايدىلىقتۇر.22جېنىم تېنىمدە قالسا، ئەمدى نېسىۋەم يەنە مېۋىلىك خىزمەت بولىدۇ؛ لېكىن قايسىسىنى ئەۋزەل بىلىپ تاللىۋېلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن؛23مەن ھايات بىلەن مامات ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالدىم؛ چۈنكى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشقا ئىنتىزارمەن ــ بۇ ئىش زىيادە ئەۋزەلدۇر؛24ئەمما سىلەر ئۈچۈن جېنىمنىڭ تېنىمدە قېلىشى تېخىمۇ زۆرۈرغۇ دەيمەن.25ئەمدى بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل بولۇپ، سىلەرنىڭ ئېتىقادتا ئالغا ئىلگىرىلىشىڭلار ھەم شاد-خۇرام بولۇشۇڭلار ئۈچۈن مەن سىلەر بىلەن بىللە قېلىپ داۋاملىق تۇرىمەن دەپ بىلىمەن؛26شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سىلەرگە يەنە ھەمراھ بولغىنىم ۋەجىدىن مەن ئارقىلىق مەسىھ ئەيسادا پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلىشىڭلار تېخىمۇ زىيادىلىشىدۇ!27پەقەت ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە لايىق تۇتۇڭلاركى، مەن يېنىڭلارغا بېرىپ سىلەر بىلەن دىدارلاشقاندىمۇ، سىلەردىن ئايرىلغاندىمۇ، ئىشلىرىڭلاردىن ئاڭلايدىغىنىم سىلەرنىڭ بىر روھ بىر جاندا بولۇپ چىڭ دەسسەپ تۇرۇپ، خۇش خەۋەردىكى ئېتىقادنىڭ يولىدا كۈرەشكە ئىنتىلىۋاتقىنىڭلار،28شۇنداقلا قارشى چىققۇچىلارنىڭ ھېچقانداق ۋەھىمىلىرىدىن پاتىپاراق بولۇپ كەتمىگىنىڭلار بولسۇن؛ سىلەردىكى بۇ غەيرەت، ئۇلارغا ھالاكەتنىڭ بەلگىسى، سىلەرگە بولسا قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارنىڭ ئالامىتى، شۇنىڭدەك ئالايىتەن خۇدادىن كەلگەن بىر ئالامەتتۇر؛29چۈنكى مەسىھنىڭ يولىدا سىلەرگە پەقەت ئۇنىڭغا ئىشىنىشنىلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن خورلۇققا ئۇچراشمۇ نېسىۋە قىلىنغاندۇر.30چۈنكى سىلەر ئىلگىرى مەندە كۆرگىنىڭلاردەك ۋە شۇنىڭدەك ھازىر ئاڭلىغىنىڭلاردەك مەن يولۇققان كۈرەشكە سىلەرمۇ يولۇقماقتىسىلەر.