مىكاھ
5
/
uig_ara
ئازابلىق كۈنلەردە مەسىھ تۇغۇلىدۇ ۋە ئىسرائىلنى قۇتقۇزىدۇ
1
ئەمدى ئۆزۈڭلار قوشۇن-قوشۇن بولۇپ يىغىلىڭلار، ئى قوشۇن قىزى؛ چۈنكى بىرسى بىزنى مۇھاسىرىگە ئالدى؛ ئۇلار ئىسرائىلنىڭ ھاكىم-سوراقچىسىنىڭ مەڭزىگە ھاسا بىلەن ئۇرىدۇ؛
info
2
(سەن، ئى بەيت-لەھەم-ئەفراتاھ، يەھۇدادىكى مىڭلىغان شەھەر-يېزىلار ئارىسىدا ئىنتايىن كىچىك بولغان بولساڭمۇ، سەندىن مەن ئۈچۈن ئىسرائىلغا ھاكىم بولغۇچى چىقىدۇ؛ ئۇنىڭ ھۇزۇرۇمدىن چىقىشلىرى قەدىمدىن، يەنى ئەزەلدىن بار ئىدى)
info
3
شۇڭا تولغاق تۇتقان ئايال تۇغۇپ بولغۇچە، ئۇ ئۇلارنى دۈشمەنلىرىگە تاشلاپ قويىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان قالدىسى ئىسرائىللارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىدۇ.
info
4
ئۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ كۈچى بىلەن، پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نامىنىڭ ھەيۋىتىدە پادىسىنى بېقىشقا ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار مەزمۇت تۇرۇپ قالىدۇ؛ چۈنكى ئۇ شۇ چاغدا يەر يۈزىنىڭ قەرىلىرىگىچە ئۇلۇغ دەپ بىلىنىدۇ.
5
ۋە بۇ ئادەم ئارام-خاتىرجەملىكىمىز بولىدۇ؛ ئاسۇرىيەلىك زېمىنىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، ئوردىلىرىمىزنى دەسسەپ چەيلىگەندە، بىز ئۇنىڭغا قارشى يەتتە خەلق پادىچىسىنى، سەككىز قابىلىيەتلىك يېتەكچىنى چىقىرىمىز؛
6
ئۇلار ئاسۇرىيە زېمىنىنى قىلىچ بىلەن، نىمرودنىڭ زېمىنىنى ئۆتكەللىرىدە خارابە قىلىدۇ؛ ۋە ئاسۇرىيەلىك زېمىنىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، چېگرىمىز ئىچىنى چەيلىگەندە، ئۇ ئادەم بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ.
info
7
ۋە ياقۇپنىڭ قالدىسى نۇرغۇن خەلقلەر ئارىسىدا پەرۋەردىگاردىن چۈشكەن شەبنەمدەك بولىدۇ، چۆپ ئۈستىگە ياغقان يامغۇرلاردەك بولىدۇ؛ بۇلار ئىنسان ئۈچۈن كېچىكمەيدۇ، ئادەم بالىلىرىنىڭ ئەجرىنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ.
info
8
ياقۇپنىڭ قالدىسى ئەللەر ئارىسىدا، يەنى نۇرغۇن خەلقلەر ئارىسىدا ئورماندىكى ھايۋانلار ئارىسىدىكى شىردەك بولىدۇ، قوي پادىلىرى ئارىسىدىكى ئارسلاندەك بولىدۇ؛ شىر ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن، ھېچكىم قۇتقۇزۇپ ئالالمىغۇدەك چەيلەپ دەسسەيدۇ، تىتما-تىت قىلىپ يىرتىۋېتىدۇ.
info
9
قولۇڭ كۈشەندىلىرىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈلىدۇ، بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
10
شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، مەن ئاراڭلاردىن بارلىق ئاتلىرىڭنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ھالاك قىلىمەن.
info
11
زېمىنىڭدىكى شەھەرلىرىڭنى يوقىتىمەن، بارلىق ئىستىھكاملىرىڭنى غۇلىتىمەن.
info
12
سېھىرلەرنى قولۇڭدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ سىلەردە پالچىلار بولمايدۇ.
13
مەن ئويما مەبۇدلىرىڭنى، «بۇت تۈۋرۈك»لىرىڭلارنى ئوتتۇرۇڭدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن؛ سەن ئۆز قولۇڭنىڭ ياسىغىنىغا ئىككىنچى باش ئۇرمايسەن.
14
ئاراڭدىن «ئاشېراھ»لىرىڭنى يۇلۇۋېتىمەن، ۋە شەھەرلىرىڭنى ھالاك قىلىمەن؛
info
15
ۋە ماڭا قۇلاق سالمىغان ئەللەرنىڭ ئۈستىگە ئاچچىق ۋە دەرغەزەپ بىلەن ئىنتىقامنى يۈرگۈزىمەن.
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter