لۇقا19uig_ara

ئەيسا بىلەن زاكاي

1ئۇ يېرىخو شەھىرىگە كىرىپ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.2مانا شۇ يەردە زاكاي ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ «باش باجگىر» بولۇپ، ئىنتايىن باي ئىدى.3ئۇ ئەيسانىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈشكە پۇرسەت ئىزدەۋاتاتتى، لېكىن بويى پاكار بولغاچقا، خەلقنىڭ تولىلىقىدىن ئۇنى كۆرەلمەيتتى.4شۇڭا ئۇ ئالدى تەرەپكە يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىگە يامىشىپ چىقتى؛ چۈنكى ئەيسا ئۇ يول بىلەن ئۆتەتتى.5ۋە ئەيسا ئۇ يەرگە كەلگەندە يۇقىرىغا قاراپ ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: ــ زاكاي، چاپسان چۈشكىن! چۈنكى مەن بۈگۈن سېنىڭ ئۆيۈڭدە قونۇشۇم كېرەك، ــ دېدى.6ئۇ ئالدىراپ چۈشۈپ، خۇشاللىق بىلەن ئۇنى ئۆيىدە مېھمان قىلدى.7بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقنىڭ ھەممىسى: ئۇ گۇناھكار كىشىنىڭكىدە قونغىلى كىرىپ كەتتى! ــ دەپ غوتۇلدىشىپ كەتتى.8لېكىن زاكاي ئورنىدىن تۇرۇپ رەبگە: ــ ئى رەببىم، مانا، مۈلكۈمنىڭ يېرىمىنى يوقسۇللارغا بېرىمەن؛ ئەگەر بىراۋنى يالغاندىن شىكايەت قىلىپ ئۇنىڭدىن بىرنېمە ئۈندۈرۈۋالغان بولسام بىرىگە تۆتنى قايتۇرىمەن، ــ دېدى.9بۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا قاراپ: ــ بۈگۈن نىجات بۇ ئۆيگە كىردى. چۈنكى بۇ كىشى ھەم ئىبراھىمنىڭ ئوغلىدۇر!10چۈنكى ئىنسانئوغلى ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، ــ دېدى.
ساداقەتلىك بولۇشنىڭ لازىملىقى
11خالايىق بۇ سۆزلەرنى تىڭشاۋاتقاندا ئۇ يەنە سۆز قىلىپ بىر تەمسىلنى قوشۇپ ئېيتتى. چۈنكى ئۇ يېرۇسالېمغا يېقىنلاشقانىدى ۋە ئۇلار: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەرھال نامايان بولىدىغۇ!؟» ــ دەپ ئويلاشقانىدى.12شۇڭا ئۇ مۇنداق دېدى: بىر ئاقسۆڭەك پادىشاھلىق تەختىگە ئېرىشىپ كېلىش ئۈچۈن يىراق بىر يۇرتقا قاراپ يولغا چىقىپتۇ.13ئاۋۋال ئۇ ئۆزىنىڭ ئون قۇلىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا ئون تىللانى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ: «مەن قايتىپ كەلگۈچە بۇنىڭ بىلەن ئوقەت قىلىڭلار» ــ دەپتۇ.14بىراق ئۆز يۇرت پۇقرالىرى ئۇنىڭغا ئۆچ بولغاچقا، كەينىدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: «بۇ كىشىنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇشىنى خالىمايمىز!» دەپتۇ.15ۋە ئۇ پادىشاھلىق مەنسىپىگە ئېرىشىپ قايتىپ كەلگەندە شۇنداق بولدىكى، ھەربىرىنىڭ تىجارەت بىلەن قانچە پايدا تاپقىنىنى بىلمەكچى بولۇپ، پۇلىنى تاپشۇرغان ھېلىقى قۇللىرىنى ئۆز ئالدىغا چاقىرتىپتۇ.16ۋە ئاۋۋالقىسى كېلىپ: «ئى خوجام، سىلى بەرگەن تىللا ئون تىللا پايدا قىلدى» دەپتۇ.17«يارايسەن، ئەي ياخشى قۇل! سەن كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك چىققانلىقىڭ ئۈچۈن ئون شەھەرگە ھاكىم بولغىن» ــ دەپتۇ خوجايىن ئۇنىڭغا.18ئىككىنچىسى كېلىپ: «ئى خوجام، سىلى بەرگەن تىللا بەش تىللا پايدا قىلدى» دەپتۇ.19خوجايىن ئۇنىڭغا ھەم: «سەن ھەم بەش شەھەرگە ھاكىم بولغىن» دەپتۇ.20لېكىن يەنە بىرسى كېلىپ: «ئى خوجام، مانا سىلى بەرگەن تىللا! بۇنى ياغلىققا چىگىپ بىر جايدا قويۇپ ساقلىدىم.21چۈنكى سىلى قاتتىق ئادەم ئىكەنلا، سىلى ئامانەت قىلمىغانلىرىدىن پايدا ئۈندۈرۈپ، ئۆزلىرى تېرىمىغانلىرىدىن ھوسۇل يىغىلا. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلىدىن قورقتۇم» دەپتۇ.22ئەمما خوجايىنى ئۇنىڭغا: «ئەي ئەسكى قۇل، ساڭا ئۆز ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلىرىڭ بويىچە ھۆكۈم قىلاي. سەن مېنىڭ ئامانەت قىلماي ئۈندۈرۈۋالىدىغان، تېرىماي تۇرۇپ يىغىۋالىدىغان قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ،23نېمە ئۈچۈن مېنىڭ پۇلۇمنى خەزىنىچىلەرگە ئامانەت قويمىدىڭ؟ مەن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنى ئۆسۈمى بىلەن ئالماسمىدىم؟» ــ دەپتۇ.24ئاندىن ئۇ يېنىدىكىلەرگە: «ئۇنىڭدىكى تىللانى ئېلىپ ئون تىللا تاپقان قۇلغا بېرىڭلار!» دەپ بۇيرۇپتۇ.25ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئى خوجا، ئۇنىڭ ئون تىللاسى تۇرسا!» ــ دەپتىكەن،26ھوجايىن يەنە مۇنداق دەپتۇ: «ــ چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.27ئەمدى ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈشۈمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمنى بولسا، ئۇلارنى كەلتۈرۈپ، مېنىڭ ئالدىمدا قەتل قىلىڭلار».
ئەيسانىڭ تەنتەنە بىلەن يېرۇسالېمغا كىرىشى
28ئۇ بۇ ئىشلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا چىقىشقا ئالدىغا قاراپ ماڭدى.29ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى ۋە بەيت-ئانىيا يېزىلىرىغا يېقىن كەلگىنىدە، ئىككى مۇخلىسىغا مۇنۇلارنى تاپىلاپ ئالدىن ئەۋەتتى:30ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. ئۇ يەرگە كىرىپلا ھېچ ئادەم بالىسى مىنىپ باقمىغان، باغلاقلىق بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ بۇ يەرگە يېتىلەپ كېلىڭلار.31ئەگەر بىرسى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنى يېشىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، سىلەر ئۇنىڭغا: «رەبنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى» ــ دەڭلار.32شۇنىڭ بىلەن ئەۋەتىلگەنلەر بېرىۋىدى، ئىش دەل ئۇ ئۇلارغا ئېيتقاندەك بولدى.33ئۇلار تەخەينى يېشىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئىگىلىرى ئۇلاردىن: ــ تەخەينى نېمىشقا يېشىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى.34ئۇلار: ــ رەبنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى، ــ دېدى.35ئۇلار ئۇنى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كەلدى؛ ۋە يېپىنچا-چاپانلىرىنى تەخەينىڭ ئۈستىگە سېلىپ، ئەيسانى يۆلەپ ئۈستىگە مىندۈردى.36ئۇ كېتىپ بارغىنىدا، خەلقلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى.37ۋە ئۇ زەيتۇن تېغىدىن چۈشۈش يولىغا يېقىنلاشقىنىدا، پۈتكۈل مۇخلىسلار جامائىتى شادلىنىپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر ئۈچۈن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگەن پادىشاھ مۇبارەكتۇر! ئاسمانلاردا تىنچ-ئىناقلىق تىكلەنگەي، ئەرشىئەلادا شان-شەرەپ ئايان بولغاي!» دەپ توۋلىشىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى.39لېكىن توپنىڭ ئىچىدە بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئۇستاز، مۇخلىسلىرىڭغا مۇشۇ گەپلىرى ئۈچۈن تەنبىھ بەر! ــ دېيىشتى.40بىراق ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، بۇلار جىم تۇرغان بولسا، ھەتتا بۇ تاشلارمۇ چۇقان سېلىشقان بولاتتى، ــ دېدى.
ئەيسانىڭ يېرۇسالېم ئۈچۈن قايغۇرۇپ يىغلىشى
41ئەمدى ئۇ شەھەرگە يېقىنلىشىپ ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلاپ مۇنداق دېدى:42ــ ئى يېرۇسالېم! سەن بۈگۈن، بۇ كۈنۈڭدە، تىنچ-ئامانلىقىڭ ئۈچۈن نېمە كېرەك بولغىنىنى بىلسەڭ ئىدى! كاشكى، بۇ ئىشلار ھازىر كۆزلىرىڭدىن يوشۇرۇندۇر.43چۈنكى شۇنداق كۈنلەر بېشىڭغا كېلىدۇكى، دۈشمەنلىرىڭ ئەتراپىڭنى قاشا-ئىستىھكام بىلەن قورشاپ سېنى قاماپ تۆت تەرەپتىن قىستايدۇ.44ئۇلار سېنى ۋە سېپىلىڭنىڭ ئىچىڭدىكى بالىلىرىڭنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ، ھەتتا تاشنى تاشنىڭ ئۈستىدىمۇ قالدۇرمايدۇ؛ چۈنكى خۇدانىڭ سېنى يوقلىغان پەيتىنى بىلىپ يەتمىدىڭ.
ئەيسانىڭ ئىبادەتخانىنى تازىلىشى
45ۋە ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ،46ئۇلارغا: ــ مۇقەددەس يازمىلاردا: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا بولىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلەر ئۇنى «بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسى» قىلىۋالدىڭلار! ــ دېدى.47شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ھەركۈنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرەتتى. باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە يۇرت چوڭلىرى ئۇنى يوقىتىشقا ئامال ئىزدىدى.48لېكىن ئۇلار قانداق قول سېلىشنى بىلمەيتتى، چۈنكى بارلىق خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى تىڭشاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاتتىق يېپىشقانىدى.