يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى3uig_ara

3-مۇناجات ــ جازا ۋە ئۈمىد •••• ئازاب تارتقۇچى دەرد-ئەلەم تۆكىدۇ

1|א| (ئالەف) مەن ئۇنىڭ غەزەپ تايىقىنى يەپ جەبىر-زۇلۇم كۆرگەن ئادەمدۇرمەن.2مېنى ئۇ ھەيدىۋەتتى، نۇرغا ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇققا ماڭدۇردى؛3بەرھەق، ئۇ كۈن بويى قولىنى ماڭا قايتا-قايتا ھۇجۇم قىلدۇردى؛4|ב| (بەت) ئەتلىرىمنى ۋە تېرىلىرىمنى قاقشال قىلىۋەتتى، سۆڭەكلىرىمنى سۇندۇرۇۋەتتى.5ئۇ ماڭا مۇھاسىرە قۇردى، ئۆت سۈيى ۋە جاپا بىلەن مېنى قاپسىۋالدى.6ئۇ مېنى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغانلاردەك قاپقاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى.7|ג| (گىمەل) ئۇ مېنى چىقالمايدىغان قىلىپ چىتلاپ قورشىۋالدى؛ زەنجىرىمنى ئېغىر قىلدى.8مەن ۋارقىراپ نىدا قىلساممۇ، ئۇ دۇئايىمنى ھېچ ئىشتىمىدى.9ئۇ يوللىرىمنى جىپسىلاشقان تاش تام بىلەن توسۇۋالدى، چىغىر يوللىرىمنى ئەگرى-توقاي قىلىۋەتتى.10|ד| (دالەت) ئۇ ماڭا پايلاپ ياتقان ئېيىقتەك، پىستىرمىدا ياتقان شىردەكتۇر.11مېنى يوللىرىمدىن بۇراپ تېتما-تىتما قىلدى؛ مېنى تۈگەشتۈردى.12ئۇ ئوقياسىنى كېرىپ، مېنى ئوقىنىڭ قارىسى قىلدى.13|ה| (خې) ئوقدېنىدىكى ئوقلارنى بۆرەكلىرىمگە سانجىتقۇزدى.14مەن ئۆز خەلقىمگە رەسۋا ئوبيېكتى، كۈن بويى ئۇلارنىڭ مەسخىرە ناخشىسىنىڭ نىشانى بولدۇم.15ئۇ ماڭا زەردابنى تويغۇچە يۇتقۇزۇپ، كەكرە سۈيىنى تويغۇچە ئىچكۈزدى.16|ו| (ۋاۋ) ئۇ چىشلىرىمنى شېغىل تاشلار بىلەن چېقىۋەتتى، مېنى كۈللەردە تۈگۈلدۈردى؛17جېنىم تىنچ-خاتىرجەملىكتىن يىراقلاشتۇرۇلدى؛ ئارامبەخشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتتىم.18مەن: «دەرمانىم قالمىدى، پەرۋەردىگاردىن ئۈمىدىم قالمىدى» ــ دېدىم.19|ז| (زائىن) مېنىڭ خار قىلىنغانلىرىمنى، سەرگەدان بولغانلىرىمنى، ئەمەن ۋە ئۆت سۈيىنى يەپ-ئىچكىنىمنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن!20جېنىم بۇلارنى ھەردائىم ئەسلەۋاتىدۇ، يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولماقتا.21لېكىن شۇنى كۆڭلۈمگە كەلتۈرۈپ ئەسلەيمەنكى، شۇنىڭ بىلەن ئۈمىد قايتىدىن يانىدۇ، ــ22|ח| (خەت) مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرى! شۇڭا بىز تۈگەشمىدۇق؛ چۈنكى ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرىنىڭ ئايىغى يوقتۇر؛23ئۇلار ھەر سەھەردە يېڭىلىنىدۇ؛ سېنىڭ ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تولىمۇ مولدۇر!24ئۆز-ئۆزۈمگە: «پەرۋەردىگار مېنىڭ نېسىۋەمدۇر؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايمەن» ــ دەيمەن.25|ט| (تەت) پەرۋەردىگار ئۆزىنى كۈتكەنلەرگە، ئۆزىنى ئىزدىگەن جان ئىگىسىگە مېھرىباندۇر؛26پەرۋەردىگارنىڭ نىجاتىنى كۈتۈش، ئۇنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتۈش ياخشىدۇر.27ئادەمنىڭ ياش ۋاقتىدا بويۇنتۇرۇقنى كۆتۈرۈشى ياخشىدۇر.28|י| (يود) ئۇ يېگانە بولۇپ سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرسۇن؛ چۈنكى رەب بۇنى ئۇنىڭغا يۈكلىدى.29يۈزىنى توپا-تۇپراققا تەگكۈزسۇن، ــ ئېھتىمال، ئۈمىد بولۇپ قالار؟30مەڭزىنى ئۇرغۇچىغا تۇتۇپ بەرسۇن؛ تىل-ئاھانەتلەرنى تويغۇچە ئىشىتسۇن!31|כ| (كاف) چۈنكى رەب ئەبەدىل-ئەبەد ئىنساندىن ۋاز كەچمەيدۇ؛32ئازار بەرگەن بولسىمۇ، ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرىنىڭ موللۇقى بىلەن ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛33چۈنكى ئۇ ئىنسان بالىلىرىنى خار قىلىشنى ياكى ئازابلاشنى خالىغان ئەمەستۇر.34|ל| (لامەد) يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەسىرلەرنى ئاياغ ئاستىدا يانجىشقا،35ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئالدىدا ئادەمنى ئۆز ھەققىدىن مەھرۇم قىلىشقا،36ئىنسانغا ئۆز دەۋاسىدا ئۇۋال قىلىشقا، ــ رەب بۇلارنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھچى ئەمەسمۇ؟37|מ| (مەم) رەب ئۇنى بۇيرۇمىغان بولسا، كىم دېگىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسۇن؟38كۈلپەتلەر بولسۇن، بەخت-سائادەت بولسۇن، ھەممىسى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئاغزىدىن كەلگەن ئەمەسمۇ؟39ئەمدى تىرىك بىر ئىنسان نېمە دەپ ئاغرىنىدۇ، ئادەم بالىسى گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن نېمە دەپ ۋايسايدۇ؟40|נ| (نۇن) يوللىرىمىزنى تەكشۈرۈپ سىناپ بىلەيلى، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا يەنە قايتايلى؛41قوللىرىمىزنى كۆڭلىمىز بىلەن بىللە ئەرشتىكى تەڭرىگە كۆتۈرەيلى!42بىز ئىتائەتسىزلىك قىلىپ سەندىن يۈز ئۆرىدۇق؛ سەن كەچۈرۈم قىلمىدىڭ.43|ס| (سامەق) سەن ئۆزۈڭنى غەزەپ بىلەن قاپلاپ، بىزنى قوغلىدىڭ؛ سەن ئۆلتۈردۈڭ، ھېچ رەھىم قىلمىدىڭ.44سەن ئۆزۈڭنى بۇلۇت بىلەن قاپلىغانسەنكى، دۇئا-تىلاۋەت ئۇنىڭدىن ھېچ ئۆتەلمەس.45سەن بىزنى خەلقلەر ئارىسىدا داشقال ۋە نىجاسەت قىلدىڭ.46|פ| (پې) بارلىق دۈشمەنلىرىمىز بىزگە قاراپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ مازاق قىلدى؛47ئۈستىمىزگە چۈشتى ئالاقزادىلىك ۋە ئورا-تۇزاق، ۋەيرانچىلىق ھەم ھالاكەت.48خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت بولغىنى ئۈچۈن، كۆزۈمدىن ياشلار ئۆستەڭ بولۇپ ئاقماقتا.49|ע| (ئايىن) كۆزۈم ياشلارنى ئۈزۈلمەي تۆكۈۋاتىدۇ، ئۇلار ھېچ توختىيالمايدۇ،50تاكى پەرۋەردىگار ئاسمانلاردىن تۆۋەنگە نەزەر سېلىپ ھالىمىزغا قارىغۇچە.51مېنىڭ كۆزۈم روھىمغا ئازاب يەتكۈزمەكتە، شەھىرىمنىڭ بارلىق قىزلىرىنىڭ ھالى تۈپەيلىدىن.52|צ| (تسادە) ماڭا سەۋەبسىز دۈشمەن بولغانلار، مېنى قۇشتەك ھەدەپ ئوۋلاپ كەلدى.53ئۇلار ئورىدا جېنىمنى ئۈزمەكچى بولۇپ، ئۈستۈمگە تاشنى چۆرىدى.54سۇلار بېشىمدىن تېشىپ ئاقتى؛ مەن: «ئۈزۈپ تاشلاندىم!» ــ دېدىم.55|ק| (كوف) ھاڭنىڭ تۈۋلىرىدىن نامىڭنى چاقىرىپ نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛56سەن ئاۋازىمنى ئاڭلىدىڭ؛ قۇتۇلدۇرۇشقا نىدايىمغا قۇلىقىڭنى يۇپۇرۇۋالمىغىن!57ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە ماڭا يېقىن كەلدىڭ، «قورقما» ــ دېدىڭ.58|ר| (رەش) ئى رەب، جېنىمنىڭ دەۋاسىنى ئۆزۈڭ سورىدىڭ؛ سەن ماڭا ھەمجەمەت بولۇپ ھاياتىمنى قۇتقۇزدۇڭ.59ئى پەرۋەردىگار، ماڭا بولغان ئۇۋاللىقنى كۆردۈڭسەن؛ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن؛60سەن ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان بارلىق ئۆچمەنلىكلىرىنى، بارلىق قەستلىرىنى كۆردۇڭسەن.61|ש| (شىين) ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ ئاھانەتلىرىنى، مېنى بارلىق قەستلىگەنلىرىنى ئاڭلىدىڭسەن،62ماڭا قارشى تۇرغانلارنىڭ شىۋىرلاشلىرىنى، ئۇلارنىڭ كۈن بويى كەينىمدىن كۇسۇر-كۇسۇر قىلىشقانلىرىنى ئاڭلىدىڭسەن.63ئولتۇرغانلىرىدا، تۇرغانلىرىدا ئۇلارغا قارىغايسەن! مەن ئۇلارنىڭ مەسخىرە ناخشىسى بولدۇم.64|ת| (تاۋ) ئۇلارنىڭ قوللىرى قىلغانلىرى بويىچە، ئى پەرۋەردىگار، بېشىغا جازا ياندۇرغايسەن؛65ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى كاج قىلغايسەن! بۇ سېنىڭ ئۇلارغا چۈشىدىغان لەنىتىڭ بولىدۇ!66غەزەپ بىلەن ئۇلارنى قوغلىغايسەن، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئاسمانلىرى ئاستىدىن يوقاتقايسەن!