يەشۇئا
16
/
uig_ara
يۈسۈف قەبىلىسىنىڭ مىراسى ــ يەنى ئەفرائىم ۋە ماناسسەھ قەبىلىلىرىنىڭ مىراسى
1
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تاشلىنىپ چىققان مىراس زېمىن بولسا يېرىخوغا تۇتاش بولغان ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ، يېرىخونىڭ شەرق تەرىپىدىكى كۆللەرگىچە بولغان يۇرتلار ۋە يېرىخودىن چىقىپ، چۆلدىن ئۆتۈپ بەيت-ئەلنىڭ تاغلىق رايونىغا سوزۇلغان يۇرتلار ئىدى.
info
2
چېگرىسى بەيت-ئەلدىن تارتىپ لۇزغا، ئاندىن ئاركىيلارنىڭ چېگرىسىدىكى ئاتاروتقا يېتىپ،
3
ئاندىن غەرب تەرىپىگە بېرىپ، يافلەتىيلەرنىڭ چېگرىسىغا تۇتىشۇپ، ئاستىن بەيت-ھوروننىڭ چېتىگە چۈشۈپ، گەزەرگە بېرىپ دېڭىزدا ئاخىرلىشاتتى.
4
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى ماناسسەھ بىلەن ئەفرائىملار ئېرىشكەن مىراس ئۈلۈشى مانا شۇ ئىدى.
5
ئەفرائىملارنىڭ جەمەت-ئائىلىرى بويىچە ئالغان زېمىنىنىڭ چېگرىسى تۆۋەندىكىدەك: ــ مىراس زېمىننىڭ شەرق تەرەپتىكى چېگرىسى ئاتاروت-ئادداردىن تارتىپ ئۈستۈن بەيت-ھورونغىچە يېتىپ،
6
ئاندىن دېڭىزغا بېرىپ شىمالغا قاراپ مىكمىتاتقا چىقتى؛ ئاندىن يەنە شەرق تەرىپىدىكى تائانات-شىلوھقا قايرىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ شەرق تەرەپكە قاراپ يانوئاھقا،
7
يانوئاھدىن چۈشۈپ ئاتاروت بىلەن نائاراتقا يېتىپ، يېرىخوغا تۇتىشىپ ئىئوردان دەرياسىغا چىقتى.
8
چېگرا تاپپۇئاھدىن غەرب تەرەپكە چىقىپ كاناھ ئېقىنىغىچە بېرىپ، دېڭىزغا يېتىپ ئاياغلاشتى. ئەفرائىمنىڭ قەبىلىسىگە، يەنى ئۇلارنىڭ جەمەت-ئائىلىلىرىگە تەگكەن مىراس ئۈلۈشى شۇ ئىدى.
9
بۇنىڭدىن باشقا ئەفرائىملار ئۈچۈن ماناسسەھنىڭ مىراسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرنەچچە شەھەرلەر ئايرىلغانىدى؛ بۇ ئايرىلغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى قاراشلىق كەنت-قىشلاقلىرى بىلەن قوشۇلغانىدى.
10
ئەمما ئەفرائىملار گەزەردە ئولتۇرۇشلۇق قانائانىيلارنى قوغلىۋەتمىگەنىدى؛ شۇڭا قانائانىيلار تا بۈگۈنگىچە ئەفرائىمنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، مەخسۇس ھاشارچى مەدىكارلار بولۇپ تۇرماقتا.
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter