ئايۇپ
41
/
uig_ara
لېۋىئاتاندىن ئالغان ساۋاق
1
لېۋىئاتاننى قارماق بىلەن تارتالامسەن؟ ئۇنىڭ تىلىنى ئارغامچا بىلەن باغلاپ باسالامسەن؟
info
2
ئۇنىڭ بۇرنىغا قومۇش چۈلۈكنى كىرگۈزەلەمسەن؟ ئۇنىڭ ئېڭىكىنى تۆمۈر نەيزە بىلەن تېشەلەمسەن؟
3
ئۇ ساڭا ئارقا-ئارقىدىن ئىلتىجا قىلامدۇ؟ ياكى ساڭا ياۋاشلىق بىلەن سۆز قىلامدۇ؟
4
ئۇ سەن بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى مەڭگۈ مالاي سۈپىتىدە قوبۇل قىلالامسەن؟
5
سەن ئۇنى قۇشقاچنى ئويناتقاندەك ئوينىتامسەن؟ دېدەكلىرىڭنىڭ ھۇزۇرى ئۈچۈن ئۇنى باغلاپ قويامسەن؟
6
تىجارەتچىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە سودىلىشامدۇ؟ ئۇنى سودىگەرلەرگە بۆلۈشتۈرۈپ بېرەمدۇ؟
7
سەن ئۇنىڭ پۈتكۈل تېرىسىگە ئاتارنەيزىنى سانجىيالامسەن؟ ئۇنىڭ بېشىغا چاڭگاك بىلەن سانجىيالامسەن؟!
8
قولۇڭنى ئۇنىڭغا بىرلا تەگكۈزگەندىن كېيىن، بۇ جەڭنى ئەسلەپ ئىككىنچى ئۇنداق قىلغۇچى بولمايسەن!
9
مانا، «ئۇنى بويسۇندۇرىمەن» دېگەن ھەرقانداق ئۈمىد بىھۇدىلىكتۇر؛ ھەتتا ئۇنى بىر كۆرۈپلا، ئۈمىدسىزلىنىپ يەرگە قاراپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟
10
ئۇنىڭ جېنىغا تېگىشكە پېتىنالايدىغان ھېچكىم يوقتۇر؛ ئۇنداقتا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرماقچى بولغان كىمدۇر؟
info
11
ئاسمان ئاستىدىكى ھەممە نەرسە مېنىڭ تۇرسا، مېنىڭ ئالدىمغا كىم كېلىپ «ماڭا تېگىشلىكىنى بەرگىنە» دەپ باققان ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا قايتۇرۇشقا تېگىشلىكمۇ؟
info
12
لېۋىئاتاننىڭ ئەزالىرى، ئۇنىڭ زور كۈچى، ئۇنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ گۈزەللىكى توغرۇلۇق، مەن سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن.
13
كىم ئۇنىڭ ساۋۇتلۇق تونىنى سالدۇرۇۋېتەلىسۇن؟ كىم ئۇنىڭ قوش ئېڭىكى ئىچىگە كىرىۋالالىسۇن؟
info
14
كىم ئۇنىڭ يۈز دەرۋازىلىرىنى ئاچالالىسۇن؟ ئۇنىڭ چىشلىرى ئەتراپىدا ۋەھىمە ياتىدۇ.
15
قاسىراقلىرىنىڭ سەپلىرى ئۇنىڭ پەخرىدۇر، ئۇلار بىر-بىرىگە چىڭ چاپلاشتۇرۇلغانكى،
info
16
بىر-بىرىگە شامال كىرمەس يېقىن تۇرىدۇ.
17
ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ھەمراھلىرىغا چاپلاشقاندۇر؛ بىر-بىرىگە زىچ يېپىشتۇرۇلغان، ھېچ ئايرىلماستۇر.
18
ئۇنىڭ چۈشكۈرۈشلىرىدىن نۇر چاقنايدۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرى سەھەردىكى قاپاقتەكتۇر.
19
ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوتلار چىقىپ تۇرىدۇ؛ ئوت ئۇچقۇنلىرى سەكرەپ چىقىدۇ.
20
قومۇش گۈلخانغا قويغان قايناۋاتقان قازاندىن چىققان ھوردەك، ئۇنىڭ بۇرۇن تۆشۈكىدىن تۈتۈن چىقىپ تۇرىدۇ؛
21
ئۇنىڭ نەپىسى كۆمۈرلەرنى تۇتاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر يالقۇن چىقىدۇ.
22
بوينىدا زور كۈچ ياتىدۇ، ۋەھىمە ئۇنىڭ ئالدىدا سەكرىشىپ ئوينايدۇ.
23
ئۇنىڭ ئەتلىرى قات-قات بىرلەشتۈرۈلۈپ چىڭ تۇرىدۇ؛ ئۈستىدىكى قاسىراقلىرى يېپىشتۇرۇلۇپ، مىدىرلىماي تۇرىدۇ.
24
ئۇنىڭ يۈرىكى بەئەينى تاشتەك مۇستەھكەم تۇرىدۇ، ھەتتا تۈگمەننىڭ ئاستى تېشىدەك مەزمۇت تۇرىدۇ.
25
ئۇ ئورنىدىن قوزغالسا، پالۋانلارمۇ قورقۇپ قالىدۇ؛ ئۇنىڭ تولغىنىپ شاۋقۇنلىشىدىن ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ.
info
26
بىرسى قىلىچنى ئۇنىڭغا تەگكۈزسىمۇ، ھېچ ئۈنۈمى يوق؛ نەيزە، ئاتارنەيزە ۋە ياكى چاڭگاق بولسىمۇ بەرىبىر ئۈنۈمسىزدۇر.
27
ئۇ تۆمۈرنى ساماندەك، مىسنى پور ياغاچتەك چاغلايدۇ.
28
ئوقيا بولسا ئۇنى قورقىتىپ قاچقۇزالمايدۇ؛ سالغا تاشلىرى ئۇنىڭ ئالدىدا پاخالغا ئايلىنىدۇ.
29
توقماقلارمۇ پاخالدەك ھېچنېمە ھېسابلانمايدۇ؛ ئۇ نەيزە-شەشبەرنىڭ تەڭلىنىشىگە قاراپ كۈلۈپ قويىدۇ.
info
30
ئۇنىڭ ئاستى قىسمى بولسا ئۆتكۈر ساپال پارچىلىرىدۇر؛ ئۇ لاي ئۈستىگە چوڭ تىرنا بىلەن تاتىلىغاندەك ئىز قالدۇرىدۇ.
info
31
ئۇ دېڭىز-ئوكيانلارنى قازاندەك قاينىتىۋېتىدۇ؛ ئۇ دېڭىزنى قازاندىكى مەلھەمدەك ۋاراقشىتىدۇ؛
32
ئۇ ماڭسا ماڭغان يولى پارقىرايدۇ؛ ئادەم بۇژغۇنلارنى كۆرۈپ چوڭقۇر دېڭىزنى ئاپئاق چاچلىق بوۋاي دەپ ئويلاپ قالىدۇ.
33
يەر يۈزىدە ئۇنىڭ تەڭدىشى يوقتۇر، ئۇ ھېچ قورقماس يارىتىلغان.
34
ئۇ بۈيۈكلەرنىڭ ھەرقاندىقىغا جۈرئەت بىلەن نەزەر سېلىپ، قورقمايدۇ؛ ئۇ بارلىق مەغرۇر ھايۋانلارنىڭ پادىشاھىدۇر».
info
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter