ئايۇپ
4
/
uig_ara
ئېلىفازنىڭ سۆز قىلىشى •••• «ئادەم خۇدانىڭ ئالدىدا ھەققانىي بولالمايدۇ»
1
تېمانلىق ئېلىفاز جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2
«بىرسى سەن بىلەن سۆزلەشمەكچى بولسا، ئېغىر ئالامسەن؟ بىراق كىم ئاغزىغا كەلگەن گەپنى يۇتۇۋاتالايدۇ؟
3
قارا، سەن كۆپ ئادەملەرگە تەلىم-تەربىيە بەرگەن ئادەمسەن، سەن جانسىز قوللارغا كۈچ بەرگەنسەن،
4
سۆزلىرىڭ دەلدەڭشىپ ئاران ماڭىدىغانلارنى رىغبەتلەندۈرگەن، تىزلىرى پۈكۈلگەنلەرنى يۆلىگەنسەن.
5
بىراق ھازىر نۆۋەت ساڭا كەلدى، شۇنىڭلىق بىلەن ھالىڭدىن كەتتىڭ، بالايىئاپەت ساڭا تېگىشى بىلەن، سەن ئالاقزادە بولۇپ كەتتىڭ.
info
6
ئىخلاسمەنلىكىڭ تايانچىڭ بولۇپ كەلمىگەنمۇ؟ يوللىرىڭدىكى دۇرۇسلۇق ئۈمىدىڭنىڭ ئاساسى ئەمەسمىدى؟
7
ئېسىڭگە ئال، كىم بىگۇناھ تۇرۇپ ۋەيران بولۇپ باققان؟ دۇرۇسلارنىڭ ھاياتى نەدە ئۈزۈلۈپ قالغان؟
info
8
مەن كۆرگىنىمدەك، گۇناھ بىلەن يەر ئاغدۇرۇپ ئاۋارىچىلىك تېرىغانلار، ئوخشاشلا ھوسۇل ئالىدۇ.
9
تەڭرىنىڭ بىر نەپىسى بىلەنلا ئۇلار گۇمران بولىدۇ، ئۇنىڭ غەزىپىنىڭ پارتلىشى بىلەن ئۇلار يوقىلىپ كېتىدۇ.
info
10
شىرنىڭ ھۆركىرەشلىرى، ھەم ئەشەددىي شىرنىڭ ئاۋازى بار بولسىمۇ، شىر ئارسلانلىرىنىڭ چىشلىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛
info
11
باتۇر شىر بولسا ئوۋ تاپالماي يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ، چىشى شىرنىڭ كۈچۈكلىرى چېچىلىپ كېتىدۇ.
12
ــ مانا، ماڭا بىر سۆز غايىبانە كەلدى، قۇلىقىمغا بىر شىۋىرلىغان ئاۋاز كىردى،
13
تۈن كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردىن چىققان ئويلاردا، ئادەملەرنى چوڭقۇر ئۇيقۇ باسقاندا،
14
قورقۇنچ ۋە تىترەكمۇ مېنى باستى، سۆڭەك-سۆڭەكلىرىمنى تىترىتىۋەتتى؛
15
كۆز ئالدىمدىن بىر روھ ئۆتۈپ كەتتى؛ بەدىنىمدىكى تۈكلىرىم ھۈرپىيىپ كەتتى.
info
16
ئۇ روھ ئورنىدا مىدىرلىماي تۇردى، بىراق تۇرقىنى كۆرەلمىدىم؛ كۆز ئالدىمدا بىر گەۋدە تۇرۇپتۇ؛ شىۋىرلىغان بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: ــ
info
17
«ئىنسان بالىسى تەڭرىدىن ھەققانىي بولالامدۇ؟ ئادەم ئۆز ياراتقۇچىسىدىن پاك بولالامدۇ؟
info
18
مانا، ئۇ ئۆز قۇللىرىغا ئىشەنمىگەن، ھەتتا پەرىشتىلىرىنىمۇ «نادانلىق قىلغان!» دەپ ئەيىبلىگەن يەردە،
19
ئۇلى توپىلاردىن بولغان ئىنسانلار، لايدىن ياسالغان ئۆيلەردە تۇرغۇچىلار قانداق بولار!؟ ئۇلار پەرۋانىدىنمۇ ئاسانلا يانجىلىدۇ!
info
20
ئۇلار تاڭ بىلەن كەچ ئارىلىقىدا كۇكۇم-تالقان بولىدۇ؛ ئۇلار ھېچكىم نەزىرىگە ئالمىغان ھالدا مەڭگۈگە يوقىلىدۇ.
info
21
ئۇلارنىڭ چېدىر تانىسى يۇلۇپ تاشلانغانغۇ؟ ئۇلار ھېچ دانالىققا تېخى ئېرىشمەيلا ئۆلۈپ كېتىدۇ!».
info
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter