ئايۇپ
37
/
uig_ara
ئېلىخۇنىڭ تۆتىنچى بايانىنىڭ داۋامى ــ خۇدانىڭ كارامەت ئەمەللىرىنى كۆرسەتكەنلىرىنى ئايان قىلىش •••• قارا قۇيۇننىڭ يېقىنلىشىشى
1
شۇنداق، يۈرىكىممۇ بۇنى ئاڭلاپ تەۋرىنىپ كېتىۋاتىدۇ، يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتەي، دېدى.
2
مانا ئاڭلىغىنا! ئۇنىڭ ھۆركىرىگەن ئاۋازىنى، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گۈلدۈرماما ئاۋازىنى ئاڭلا!
info
3
ئۇ ئاۋازىنى ئاسمان ئاستىدىكى پۈتكۈل يەرگە، چاقمىقىنى يەرنىڭ قەرىگىچە يەتكۈزىدۇ.
4
چاقماقتىن كېيىن بىر ئاۋاز ھۆركىرەيدۇ؛ ئۆز ھەيۋىتىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئۇ گۈلدۈرلەيدۇ، ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەنلا ھېچ ئايانماي چاقماقلىرىنىمۇ قويۇۋېتىدۇ.
5
تەڭرى ئاۋازى بىلەن كارامەت گۈلدۈرلەيدۇ، بىز چۈشىنەلمەيدىغان نۇرغۇن قالتىس ئىشلارنى قىلىدۇ.
6
چۈنكى ئۇ قارغا: «يەرگە ياغ!»، ھەم ھۆل-يېغىنغا: «كۈچلۈك يامغۇر بول!» دەيدۇ.
7
ئۇ بارلىق ئىنساننى ئۆزىنىڭ ياراتقانلىقىنى بىلسۇن دەپ، ھەممە ئادەمنىڭ قولىنى بۇلار بىلەن توسۇپ قويىدۇ؛
info
8
ياۋايى ھايۋانلار ئۆز ئۇۋىسىغا كىرىپ كېتىدۇ، ئۆز قونالغۇسىدا تۇرغۇزۇلىدۇ.
9
بوران-چاپقۇن كوھىقاپتىن كېلىدۇ، ھەم سوغۇق-زىمىستان تاراتقۇچى شاماللاردىن كېلىدۇ.
info
10
تەڭرىنىڭ نەپىسى بىلەن مۇز ھاسىل بولىدۇ؛ بىپايان سۇلار قېتىپ قالىدۇ.
11
ئۇ يەنە قويۇق بۇلۇتلارغا مول نەملىك يۈكلەيدۇ، ئۇ چاقماق كۆتۈرىدىغان بۇلۇتنى كەڭ يېيىپ قويىدۇ.
12
ئۇلار پۈتكۈل يەر-زېمىن يۈزىدە ئۇ بۇيرۇغان ئىشنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ يوليورۇقلىرى بىلەن ھەرياققا بۇرۇلىدۇ.
13
ياكى تەربىيە تايىقى بولۇشى ئۈچۈن، ياكى ئۆز دۇنياسى ئۈچۈن، ياكى ئۆز رەھىمدىللىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇ بۇلۇتلىرىنى كەلتۈرىدۇ.
info
14
ئى ئايۇپ، بۇنى ئاڭلاپ قوي، تەڭرىنىڭ كارامەت ئەمەللىرىنى تونۇپ يېتىپ شۈك تۇر.
info
15
تەڭرىنىڭ بۇلۇتلارنى قانداق سەپتە تۇرغۇزغانلىقىنى بىلەمسەن؟ ئۇنىڭ بۇلۇتىنىڭ چاقمىقىنى قانداق چاقتۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلەمسەن؟
16
بۇلۇتلارنىڭ قانداق قىلىپ بوشلۇقتا مۇئەللەق تۇرىدىغانلىقىنى، بىلىمى مۇكەممەل بولغۇچىنىڭ كارامەتلىرىنى بىلەمسەن؟
17
ھەي، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ يەر-زېمىننى جەنۇبدىكى شامال بىلەن تىنچلاندۇرۇپ، سېنى كىيىم-كېچىكىڭنىڭ ئوتتەك ئىسسىتقىنىنى بىلەمسەن؟
18
سەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئاسماننى خۇددى قۇيۇپ چىقارغان ئەينەكتەك، مۇستەھكەم قىلىپ يايغانمىدىڭ؟!
19
ئۇنىڭغا نېمىنى دېيىشىمىز كېرەكلىكىنى بىزگە ئۆگىتىپ قويغىن! قاراڭغۇلۇقىمىز تۈپەيلىدىن بىز دەۋايىمىزنى جايىدا سەپكە قويالمايمىز.
20
ئۇنىڭغا «مېنىڭ ساڭا گېپىم بار» دېيىش ياخشىمۇ؟ ئۇنداق دېگۈچى ئادەم يۇتۇلماي قالمايدۇ!
21
ئەمدى شاماللار كېلىپ بۇلۇتلارنى تارقىتىۋېتىدۇ، بىراق بۇلۇتلار ئارىسىدىكى قۇياش نۇرىغا ئادەملەر بىۋاسىتە قاراپ تۇرالمايدۇ. قۇياشنىڭ ئالتۇن رەڭگى شىمال تەرەپتىنمۇ پەيدا بولىدۇ؛ تەڭرىنىڭ ھۇزۇرىدا دەھشەتلىك ھەيۋەت باردۇر. ھەممىگە قادىرنى بولسا، بىز ئۇنى مۆلچەرلىيەلمەيمىز؛ قۇدرىتى قالتىستۇر، ئۇنىڭ ئادالىتى ئۇلۇغ، ھەققانىيلىقى چوڭقۇر، شۇڭا ئۇ ئادەملەرگە زۇلۇم قىلمايدۇ.
info
24
شۇڭا ئادەملەر ئۇنىڭدىن قورقىدۇ؛ كۆڭلىدە ئۆزىنى دانا چاغلايدىغانلارغا ئۇ ھېچ ئېتىبار قىلمايدۇ».
info
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter