ئايۇپ
29
/
uig_ara
ئىلگىرىكى بەختلىك كۈنلەرنى ئەسلەش
1
ئايۇپ بايانىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ
2
«ئاھ، ئەھۋالىم ئىلگىرىكى ئايلاردىكىدەك بولسىدى، تەڭرى مەندىن خەۋەر ئالغان كۈنلەردىكىدەك بولسىدى!
info
3
ئۇ چاغدا ئۇنىڭ چىرىغى بېشىمغا نۇر چاچقان، ئۇنىڭ يورۇقلۇقى بىلەن قاراڭغۇلۇقتىن ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتىم!
4
بۇ ئىشلار مەن قىران ۋاقتىمدا، يەنى تەڭرى چېدىرىمدا ماڭا سىرداش دوست بولغان ۋاقىتتا بولغانىدى!
info
5
ھەممىگە قادىر مەن بىلەن بىللە بولغان، مېنىڭ ياش بالىلىرىم ئەتراپىمدا بولغان؛
6
مېنىڭ باسقان قەدەملىرىم سېرىق مايغا چۆمۈلگەن؛ يېنىمدىكى تاش مەن ئۈچۈن زەيتۇن ماي دەرياسى بولۇپ ئاققان؛
info
7
شەھەر دەرۋازىسىغا چىققان ۋاقتىمدا، كەڭ مەيداندا ئورنۇم تەييارلانغاندا،
info
8
ياشلار مېنى كۆرۈپلا ئەيمىنىپ ئۆزلىرىنى چەتكە ئالاتتى، قېرىلار بولسا ئورنىدىن تۇراتتى،
9
شاھزادىلەرمۇ گەپتىن توختاپ، قولى بىلەن ئاغزىنى ئېتىۋالاتتى.
10
ئاقسۆڭەكلەرمۇ تىنچلىنىپ، تىلىنى تاڭلىيىغا چاپلىۋالاتتى.
11
قۇلاق سۆزۈمنى ئاڭلىسىلا، ماڭا بەخت تىلەيتتى، كۆز مېنى كۆرسىلا ماڭا ياخشى گۇۋاھلىق بېرەتتى.
12
چۈنكى مەن ماڭا ھىمايە بول دەپ يېلىنغان ئېزىلگۈچىلەرنى، پاناھسىز قالغان يېتىم-يېسىرلارنىمۇ قۇتقۇزۇپ تۇراتتىم.
13
ھالاك بولاي دېگەن كىشى ماڭا بەخت تىلەيتتى؛ مەن تۇل خوتۇننىڭ كۆڭلىنى شادلاندۇرۇپ ناخشا ياڭراتقۇزاتتىم.
14
مەن ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ كىيىۋالدىم، ئۇ مېنى ئۆز گەۋدىسى قىلدى. ئادالەتلىكىم ماڭا يېپىنچا ھەم سەللە بولغان.
15
مەن كورغا كۆز بولاتتىم، توكۇرغا پۇت بولاتتىم.
16
يوقسۇللارغا ئاتا بولاتتىم، ماڭا ناتونۇش كىشىنىڭ دەۋاسىنىمۇ تەكشۈرۈپ چىقاتتىم.
info
17
مەن ئادالەتسىزنىڭ ھىڭگايغان چىشلىرىنى چېقىپ تاشلايتتىم، ئولجىسىنى چىشلىرىدىن ئېلىپ كېتەتتىم.
info
18
ھەم: «مېنىڭ كۈنلىرىم قۇمدەك كۆپ بولۇپ، ئۆز ئۇۋامدا راھەت ئىچىدە ئۆلىمەن» دەيتتىم؛
19
ھەم: «يىلتىزىم سۇلارغىچە تارتىلىپ بارىدۇ، شەبنەم پۈتۈن كېچىچە شېخىمغا چاپلىشىپ ياتىدۇ؛
20
شۆھرىتىم ھەردائىم مەندە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، قولۇمدىكى ئوقيايىم ھەردائىم يېڭى بولۇپ تۇرىدۇ» دەيتتىم.
info
21
ئادەملەر ماڭا قۇلاق سالاتتى، كۈتۈپ تۇراتتى؛ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاي دەپ سۈكۈت ئىچىدە تۇراتتى.
22
مەن گەپ قىلغاندىن كېيىن ئۇلار قايتا گەپ قىلمايتتى، سۆزلىرىم ئۇلارنىڭ ئۈستىگە شەبنەم بولۇپ چۈشەتتى.
23
ئۇلار يامغۇرلارنى كۈتكەندەك مېنى كۈتەتتى، كىشىلەر ۋاقتىدا ياغقان «كېيىنكى يامغۇر»نى قارشى ئالغاندەك سۆزلىرىمنى ئاغزىنى ئېچىپ ئىچەتتى!
info
24
ئۈمىدسىزلەنگىنىدە مەن ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەيتتىم، يۈزۈمدىكى نۇرنى ئۇلار يەرگە چۈشۇرمەيتتى.
info
25
مەن ئۇلارغا يولىنى تاللاپ كۆرسىتىپ بېرەتتىم، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كاتتىۋاش بولۇپ ئولتۇراتتىم، قوشۇنلىرى ئارىسىدا تۇرغان پادىشاھدەك ياشايتتىم، بىراق بۇنىڭ بىلەن ماتەم تۇتىدىغانلارغا تەسەللى يەتكۈزگۈچىمۇ بولاتتىم».
info
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter