ئايۇپ
25
/
uig_ara
بىلداد يەنە سۆزلەيدۇ ــ خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى
1
شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2
«ئۇنىڭدا ھۆكۈمرانلىق ھەم ھەيۋەت باردۇر؛ ئۇ ئاسمانلارنىڭ قەرىدىكى ئىشلارنىمۇ تەرتىپكە سالىدۇ.
info
3
ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولامدۇ؟ ئۇنىڭ نۇرى كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشمەي قالار؟
4
ئەمدى ئىنسان بالىسى قانداقمۇ تەڭرىنىڭ ئالدىدا ھەققانىي بولالىسۇن؟ ئايال زاتىدىن تۇغۇلغانلار قانداقمۇ پاك بولالىسۇن؟
5
مانا، ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەتتا ئايمۇ يورۇق بولمىغان يەردە، يۇلتۇزلارمۇ پاك بولمىغان يەردە،
6
قۇرت بولغان ئىنسان، سازاڭ بولغان ئادەم بالىسى ئۇنىڭ ئالدىدا قانداق بولار؟».
info
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter