ئايۇپ
24
/
uig_ara
مىسكىنلىك ۋە جىنايەت
1
ــ نېمىشقا ھەممىگە قادىر سوراق كۈنلىرىنى بېكىتمەيدۇ؟ نېمىشقا ئۇنى تونۇغانلار ئۇنىڭ شۇ كۈنلىرىنى بىكاردىن-بىكار كۈتىدۇ؟
2
مانا، ئادەملەر پاسىل قىلىنغان تاشلارنى يۆتكىۋېتىدۇ؛ ئۇلار زوراۋانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ پادىلىرىنى بۇلاپ-تالاپ ئۆزلىرى ئوچۇق-ئاشكارا باقىدۇ؛
info
3
ئۇلار يېتىم-يېسىرلارنىڭ ئېشىكىنى بۇلاپ ھەيدەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۇل خوتۇننىڭ كالىسىنى كېپىللىك ئۈچۈن ئېلىۋالىدۇ.
info
4
ئۇلار مىسكىنلەرنى يولدىن نېرى ئىتتىرىۋېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن زېمىندىكى ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۆكۈشۈۋالىدۇ.
5
مانا، ئۇلار دەشت-باياۋانلاردىكى ياۋايى ئېشەكلەردەك، تاڭ سەھەردە ئولجا ئىزدەش «خىزمىتى»گە چىقىدۇ؛ جاڭگال ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن يېمەكلىك تەمىنلەيدۇ.
info
6
ئۇلار ياماننىڭ كالىلىرى ئۈچۈن دالادا ئوت-چۆپ ئورىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشقان-تاشقان ئۈزۈملىرىنى تېرىيدۇ؛
info
7
ئۇلار كېچىنى كىيىمسىز يالاڭ ئۆتكۈزىدۇ، سوغۇقتا بولسا يېپىنغۇدەك كىيىمى يوقتۇر.
8
ئۇلار تاغقا ياغقان يامغۇرلار بىلەن سۈزمە بولۇپ كېتىدۇ، پاناھسىزلىقىدىن تاشنى قۇچاقلىشىدۇ.
9
ئادەملەر ئاتىسىز بالىلارنى ئەمچەكتىن بۇلاپ كېتىدۇ، ئۇلار مىسكىنلەردىن بوۋاقلارنى كېپىللىككە ئالىدۇ.
info
10
مىسكىنلەر بولسا كىيىمسىز، يېلىڭ ئۆتىدۇ، باشقىلار ئۈچۈن بۇغداي باغلىرىنى كۆتۈرسىمۇ، يەنىلا ئاچ قالىدۇ؛
11
ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆيىدە زەيتۇنلارنى چەيلەپ ياغ چىقارغان بولسىمۇ، ھويلىلىرىدا شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇسسۇزلۇقتا قالىدۇ.
12
شەھەردىن ئادەملەرنىڭ ئاھ-زارلىرى چىقىپ تۇرىدۇ، قىلىچ يېگەنلەرنىڭ جانلىرى نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ بىراق تەڭرى ھېچكىمنىڭ ئىپلاسلىقىنى ئەيىبلىمەيدۇ.
info
13
ــ نۇرغا قارشى ئىسيان كۆتۈرىدىغانلارمۇ بار؛ ئۇلار نۇرنىڭ يوللىرىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ تەرىقىلىرىدە تۇرمايدۇ.
14
قاتىل تاڭ نۇرى كېلىشى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، كەمبەغەللەر ۋە مىسكىنلەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛ كېچىدە ئۇ ئوغرىدەك يۈرىدۇ.
info
15
زىناخورمۇ «مېنى ھېچ كۆز كۆرمەيدۇ» دەپ زاۋال ۋاقتىنى كۈتىدۇ، باشقىلار مېنى تونۇمىسۇن دەپ ئايالنىڭ چۈمبىلىنى يۈزىگە تارتىۋالىدۇ.
16
قاراڭغۇلۇقتا ئوغرىلار ئۆينىڭ تاملىرىنى كولاپ تېشىدۇ؛ كۈندۈزدە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆز ئۆيىگە قاماپ قويىدۇ؛ ئۇلار نۇرنى تونۇمايدۇ.
17
ئۇلار ئۈچۈن تاڭ سەھەر ئۆلۈم سايىسىدەك تۇيۇلىدۇ؛ ئۇلار قاپ-قاراڭغۇلۇقنىڭ ۋەھىمىلىرىنى دوست تۇتىدۇ.
info
18
ئۇلار سۇلارنىڭ يۈزىدىكى كۆپۈكلەردەك يوقاپ كەتسۇن! ئۇلارنىڭ يەر-زېمىندىكى نېسىۋىسى لەنەت قىلىنغانكى، شۇڭا ئۇلاردىن ھېچكىم ئۈزۈمزارلىققا يەنە ماڭمىسۇن!
info
19
قۇرغاقچىلىق ھەم تومۇز ئىسسىق قار سۇلىرىنىمۇ يەپ تۈگىتىدۇ؛ تەھتىسارامۇ ئوخشاشلا گۇناھ قىلغانلارنى يەپ تۈگەتسۇن!
20
ئۇنى، تۇغقان ئانىسىمۇ ئۇنتۇسۇن! قۇرت شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ئۇنى يېسۇن! ئەسكە ھېچ ئېلىنمىسۇن! شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيسىزلىق دەرەختەك كېسىلسۇن!
info
21
ئۇ بالىسى يوق تۇغماسلاردىن ئولجا ئالىدۇ، ئۇ تۇل خوتۇنلارغىمۇ ھېچ شەپقەت كۆرسەتمەيدۇ.
22
بىراق خۇدا ئۆز قۇدرىتى بىلەن مۇنداق كۈچ-ھوقۇقى بارلارنىڭ كۈنىنى ئۇزارتىدۇ؛ ئۇلار ھەتتا ھاياتىدىن ئۈمىدسىزلەنسىمۇ قايتىدىن ئورنىدىن تۇرىدۇ.
info
23
خۇدا يەنىلا ئۇلارنى ئامانلىقتا مۇقىملاشتۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلار خاتىرجەم بولىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزدە تۇتقان ئەمەسمۇ؟
info
24
ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى بىردەملىك ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاندىن ئۇلار يوق بولىدۇ؛ ئۇلار ئوڭدا قالدۇرۇلىدۇ، ئاندىن باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا يىغىپ ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ ئۇلار پەقەتلا پىشقان سەرخىل بۇغداي باشاقلىرىدەك كېسىلىپ كېتىدۇ.
info
25
بۇ ئىشلار مۇنداق بولمىسا، قېنى كىم مېنى يالغانچى دەپ ئىسپاتلىيالايدۇ. مېنىڭ گەپلىرىمنى كىم قۇرۇق گەپ دېيەلەيدۇ؟».
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter