ئايۇپ20uig_ara

زوفارمۇ يامانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۈستىدە سۆز قىلىدۇ

1ئاندىن نائاماتلىق زوفار جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ2«مېنى بىئارام قىلغان خىياللار جاۋاب بېرىشكە ئۈندەۋاتىدۇ، چۈنكى قەلبىم بىئاراملىقتا ئۆرتەنمەكتە.3مەن ماڭا ھاقارەت كەلتۈرۈپ، مېنى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىدىم، شۇڭا مېنىڭ روھ-زېھنىم مېنى جاۋاب بېرىشكە قىستىدى.4سەن شۇنى بىلمەمسەنكى، يەر يۈزىدە ئادەمئاتىمىز ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى،5رەزىللەرنىڭ غالىبە تەنتەنىسى قىسقىدۇر، ئىپلاسلارنىڭ خۇشاللىقى بىردەملىكتۇر.6ئۇنداق كىشىنىڭ شان-شەرىپى ئاسمانغا يەتكەن بولسىمۇ، بېشى بۇلۇتلارغا تاقاشسىمۇ،7يەنىلا ئۆزىنىڭ پوقىدەك يوقاپ كېتىدۇ؛ ئۇنى كۆرگەنلەر: «ئۇ نەدىدۇر؟» دەيدۇ.8ئۇ چۈشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ، قايتا تاپقىلى بولمايدۇ؛ كېچىدىكى غايىبانە ئالامەتتەك ئۇ ھەيدىۋېتىلىدۇ.9ئۇنى كۆرگەن كۆز ئىككىنچى ئۇنى كۆرمەيدۇ، ئۇنىڭ تۇرغان جايى ئۇنى قايتا ئۇچراتمايدۇ.10ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مىسكىنلەرگە شەپقەت قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇ ھەتتا ئۆز قولى بىلەن بايلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.11ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرى ياشلىق ماغدۇرىغا تولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ماغدۇرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە توپا-چاڭدا يېتىپ قالىدۇ.12گەرچە رەزىللىك ئۇنىڭ ئاغزىدا تاتلىق تېتىغان بولسىمۇ، ئۇ ئۇنى تىل ئاستىغا يوشۇرغان بولسىمۇ،13ئۇ ئۇنى يۇتقۇسى كەلمەي مېھرىنى ئۈزەلمىسىمۇ، ئۇ ئۇنى ئاغزىدا قالدۇرسىمۇ،14بىراق ئۇنىڭ قارنىدىكى تامىقى ئۆزگىرىپ، كوبرا يىلاننىڭ زەھەرىگە ئايلىنىدۇ.15ئۇ بايلىقلارنى يۇتۇۋېتىدۇ، بىراق ئۇلارنى ياندۇرىدۇ؛ خۇدا ئۇلارنى ئاشقازىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ.16ئۇ كوبرا يىلاننىڭ زەھەرىنى شورايدۇ، چار يىلاننىڭ نەشتىرى ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ.17ئۇ قايتىدىن ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە ھەۋەس بىلەن قارىيالمايدۇ، بال ۋە سېرىق ماي بىلەن ئاقىدىغان دەريالاردىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ.18ئۇ ئېرىشكەننى يۇتالماي قايتۇرىدۇ، تىجارەت قىلغان پايدىسىدىن ئۇ ھېچ ھۇزۇرلىنالمايدۇ.19چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرنى ئېزىپ، ئۇلارنى تاشلىۋەتكەن؛ ئۇ ئۆزى سالمىغان ئۆينى ئىگىلىۋالغان.20ئۇ ئاچكۆزلۈكتىن ئەسلا زېرىكمەيدۇ، ئۇ ئارزۇلىغان نەرسىلىرىدىن ھېچقايسىسىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.21ئۇنىڭغا يۇتۇۋالغۇدەك ھېچنەرسە قالمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ باياشاتلىقى مەڭگۈلۈك بولمايدۇ.22ئۇنىڭ توققۇزى تەل بولغاندا، تۇيۇقسىز قىسىلچىلىققا ئۇچرايدۇ؛ ھەربىر ئېزىلگۈچىنىڭ قولى ئۇنىڭغا قارشى چىقىدۇ.23ئۇ قورسىقىنى تويغۇزىۋاتقىنىدا، خۇدا دەھشەتلىك غەزىپىنى ئۇنىڭغا چۈشۈرىدۇ؛ ئۇ غىزالىنىۋاتقاندا غەزىپىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرىدۇ.24ئۇ تۆمۈر قورالدىن قېچىپ قۇتۇلسىمۇ، بىراق مىس ئوقيا ئۇنى سانجىيدۇ.25تەگكەن ئوق كەينىدىن تارتىپ چىقىرىۋېلگىنىدە، يالتىراق ئوق ئۇچى ئۆتتىن چىقىرىۋېلگىنىدە، ۋەھىمىلەر ئۇنى باسىدۇ.26زۇلمەت قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ بايلىقلىرىنى يۇتۇۋېتىشكە تەييار تۇرىدۇ، ئىنسان پۈۋلىمىگەن ئوت ئۇنى يۇتۇۋالىدۇ، ئۇنىڭ چېدىرىدا قېلىپ قالغانلىرىنىمۇ يۇتۇۋېتىدۇ.27ئاسمانلار ئۇنىڭ قەبىھلىكىنى ئاشكارىلايدۇ؛ يەر-زېمىنمۇ ئۇنىڭغا قارشى قوزغىلىدۇ.28ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ئېلىپ كېتىلىدۇ، خۇدانىڭ غەزەپلىك كۈنىدە كەلكۈن ئۇلغىيىپ ئۆي-بىساتىنى غۇلىتىدۇ.29خۇدانىڭ رەزىل ئادەمگە بەلگىلىگەن نېسىۋىسى مانا شۇنداقتۇر، بۇ خۇدا ئۇنىڭغا بېكىتكەن مىراستۇر».