ئايۇپ
15
/
uig_ara
ئېلىفاز يەنە سۆزلەيدۇ ــ يامانلارنىڭ ئاقىۋىتى
1
تېمانلىق ئېلىفاز بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ
2
دانىشمەن كىشىنىڭ قۇرۇق شامالدەك سەپسەتە بىلەن جاۋاب بېرىشى توغرىمۇ؟ دانىشمەن قورسىقىنى ئىسسىق مەشرىق شامىلى بىلەن تويغۇزسا بولامدۇ؟
3
پايدىسىز سۆزلەر بىلەن، تايىنى يوق گەپلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشى مۇۋاپىقمۇ؟
4
بەرھەق، سەن ئىمان-ئىخلاسنى يوق قىلىۋەتمەكچىسەن، خۇدانىڭ ئالدىدا دۇئا-ئىستىقامەتكە توسالغۇ بولىسەن.
5
چۈنكى قەبىھلىكىڭ ئاغزىڭغا سۆز سالىدۇ، سەن مەككارلارنىڭ تىلىنى تاللاپ قوللىنىسەن.
6
مەن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئاغزىڭ ئۆزۈڭنىڭ گۇناھىڭنى بېكىتىدۇ، ئۆز لەۋلىرىڭ ساڭا قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
info
7
سەن ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ تۇغۇلغانمۇ؟ سەن تاغ-داۋانلاردىن ئاۋۋال ئاپىرىدە بولغانمۇ؟
8
تەڭرىنىڭ مەخپىي كېڭىشىنى ئاڭلاپ كەلگەنمۇسەن؟ دانالىق سەن بىلەنلا چەكلىنەمدۇ؟
9
سەن بىلگەنلەرنى بىزنىڭ بىلمەيدىغانلىرىمىز بارمۇ؟ سەن چۈشەنگەننى بىزنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىمىز بارمۇ؟
10
ئاقساقاللار ھەم قېرىلار بىزنىڭ تەرىپىمىزدە تۇرىدۇ، ئۇلار سېنىڭ ئاتاڭدىنمۇ ياشتا چوڭدۇر.
info
11
تەڭرىنىڭ تەسەللىلىرى، يەنى ساڭا مۇلايىملىق بىلەن ئېيتقان مۇشۇ سۆز سەن ئۈچۈن ئازلىق قىلامدۇ؟
12
نېمىشقا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىسەن؟ كۆزۈڭنى نېمىگە پارقىرىتىسەن؟
13
شۇنداق قىلىپ سەن روھىڭنى تەڭرىگە قارشى تۇرغۇزدۇڭ، ئېغىزىڭدىن شۇنداق سۆزلەرنىڭ چىقىشىغا يول قويۇۋاتىسەن!
14
ئىنسان نېمە ئىدى؟ ئۆز-ئۆزىنى پاكلىيالىغۇدەك؟ ئانىدىن تۇغۇلغان ئادەم بالىسى نېمە ئىدى؟ ھەققانىي بولالىغۇدەك؟
15
قارا، خۇدا ئۆز مۇقەددەسلىرىگىمۇ ئىشەنمىگەن يەردە، ئاسمانلارمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە پاك بولمىغان يەردە،
info
16
يىرگىنچلىك بولغان، سېسىپ كەتكەن، قەبىھلىكنى سۇ ئىچكەندەك ئىچىدىغان ئىنسان بالىسى زادى قانداق بولار؟
info
17
مەن ساڭا كۆرسىتەي، ماڭا قۇلاق سال؛ كۆزۈم كۆرگەننى بايان قىلماقچىمەن.
18
دانىشمەنلەر ئاتا-بوۋىلىرىدىن بۇلارنى ئاڭلىغان، يوشۇرماي بۇلارنى بايان قىلغان: ــ
19
(پەقەت شۇلارغىلا، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىغىلا يەر-زېمىن تاپشۇرۇلغانىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يات ئادەم ئۆتۈشكە پېتىنالمايتتى)
info
20
ــ رەزىل ئادەم بارلىق كۈنلىرىدە ئازابلىنىدۇ، زالىم كىشىگە يىللار ساناقلىقلا بېكىتىلگەندۇر.
info
21
ئۇنىڭ قۇلىقىغا ۋەھىمىلەرنىڭ ئاۋازى كىرىدۇ، باياشاتلىقىدا بۇلاڭچى ئۇنىڭ ئۇستىگە بېسىپ چۈشىدۇ.
22
قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇشقا ئۇنىڭ كۆزى يەتمەيدۇ، ئۇ قىلىچ بىلەن چېپىلىشقا ساقلانغاندۇر.
23
ئۇ ئاش ئىزدەپ: «زادى نەدىن تېپىلار؟» دەپ يولدا تېنەپ يۈرىدۇ، ئۇ زۇلمەت كۈنىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلىدۇ.
info
24
دەرد-ئەلەم ھەم ئازاب ئۇنىڭغا ۋەھىمە قىلىدۇ، ھۇجۇمغا تەييار بولغان پادىشاھتەك ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ.
25
چۈنكى ئۇ تەڭرىگە قارشى قولىنى كۆتۈرگەن، ھەممىگە قادىرغا كۈچ كۆرسەتمەكچى بولغان،
26
شۇڭا ئۇ بوينىنى قاتتىق قىلىپ، كۆپ قەۋەتلىك قالقاننى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلىدۇ.
27
يۈزىنى ياغ باسقان بولسىمۇ، بېقىنلىرى سەمرەپ كەتكەن بولسىمۇ،
28
ئۇ خارابە شەھەرلەردە، ئادەم قونغۇسى كەلمەيدىغان، كېسەك دۈۋىلىرى بولۇشقا بېكىتىلگەن ئۆيلەردە ياشايدۇ؛
info
29
ئۇ ھېچ بېيىمايدۇ، ئۇنىڭ مال-مۈلكى بولسا ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭ تەئەللۇقاتلىرى زېمىن ئۈستىدە كېڭەيمەيدۇ.
30
ئۇ قاراڭغۇلۇقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، يالقۇن ئۇنىڭ شاخلىرىنى كۆيدۈرۈپ قۇرۇتىدۇ، خۇدانىڭ بىر نەپىسى بىلەن ئۇ دۇنيادىن كېتىدۇ.
info
31
ئۇ ساختىلىققا تايانمىسۇن! ئۇ ئالدىنىپ كەتكەن، شۇڭا ساختىلىقنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئىنئامى بولىدۇ؛
32
ئۇنىڭ كۈنى تېخى توشماي تۇرۇپلا، ئۇنىڭ شېخى تېخى كۆكىرىپ بولمايلا، بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
33
ئۈزۈم تېلى سىلكىنىپ، توڭ ئۈزۈملەر چۈشۈرۈۋېتىلگەندەك، زەيتۇن دەرىخىنىڭ چېچىكى ئېچىلىپلا تۆكۈلۈپ كەتكەندەك بولىدۇ.
info
34
چۈنكى ئىپلاسلارنىڭ جەمەتى تۇغماس بولىدۇ، ئوت پارا يېگەنلەرنىڭ چېدىرلىرىنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ.
35
بىراق ئۇلار ھەردائىم يامانلىقنى ئويلاپ، قەبىھلىك تۇغدۇرىدۇ، كۆڭلىدە ھامان ھىيلە-مىكىر تەييارلايدۇ.
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter