يەرەمىيا
3
/
uig_ara
ۋاپاسىزلىق ئۈستىگە ۋاپاسىزلىق
1
شۇنداق دېيىلىدۇكى، بىرسى ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئايال ئۇنىڭدىن ئاجراشسا ۋە كېيىن ئۇ باشقا ئەرگە ياتلىق بولغان بولسا، بىرىنچى ئېرى ئۇنىڭ بىلەن قايتا يارىشىۋالسا بولامدۇ؟ بۇنداق ئىش بۇ زېمىننى مۇتلەق بۇلغىمامدۇ؟ لېكىن سەن شۇنچە كۆپ ئاشنىلىرىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىپ تۇرۇپ يەنە يېنىمغا قايتاي دەۋاتامسەن تېخى؟
info
2
بېشىڭنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىغا قاراپ باق؛ ــ سەن زادى نەدە يات ئىلاھلار بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزمىگەنسەن؟! ــ سەن چۆل-باياۋاندا كۈتۈپ ئولتۇرغان ئەرەبدەك ئۇلارنى يوللار بويى كۈتۈپ ئولتۇرغانسەن؛ زېمىننى بۇزۇقلۇقلىرىڭ ۋە رەزىللىكىڭ بىلەن بۇلغىغانسەن.
info
3
شۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق يامغۇرلار تۇتۇپ قېلىنىپ ساڭا بېرىلمىدى ھەمدە «كېيىنكى يامغۇرلار» ياغمىدى. لېكىن سەندە تېخى پاھىشە ئايالنىڭ قېلىن يۈزى بار، ئىزا تارتىشنى ھېچ بىلگۈڭ يوقتۇر.
info
4
ھەتتا سەن باياتىن ماڭا: «ئى ئاتام، ياشلىقىمدىن باشلاپ ماڭا يېتەكچى ھەمراھ بولۇپ كەلدىڭ!» ــ دەيسەن، ۋە: ــ
5
«ئۇ ھەردائىم غەزىپىنى ساقلامدۇ؟ ئۇ غەزىپىنى ئاخىرغىچە تۇتامدۇ؟» ــ دەيسەن. مانا، سەن شۇنداق دېگىنىڭ بىلەن، لېكىن سەن قولۇڭدىن كېلىشىچە رەزىللىك قىلغانسەن.
6
يوسىيا پادىشاھنىڭ كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار ماڭا: «ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ بارلىق ئېگىز تاغقا چىقىپ ھەم بارلىق يېشىل دەرەخ ئاستىغا كىرىپ شۇ يەرلەردە پاھىشىدەك بۇزۇقلۇق قىلغان» ــ دېدى.
info
7
ــ «مەن: ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغاندىن كېيىن، چوقۇم يېنىمغا قايتىپ كېلىدۇ، ــ دېدىم؛ لېكىن ئۇ قايتىپ كەلمىدى. ئۇنىڭ ئاسىي سىڭلىسى، يەنى يەھۇدا بۇنى كۆردى؛
8
لېكىن ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ بارلىق زىنا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بېرىپ ئۇنى قويۇۋەتكىنىمنى كۆرۈپ، ئاسىي سىڭلىسى يەھۇدا قورقمىدى، بەلكى ئۆزىمۇ بېرىپ پاھىشىلىك قىلدى.
info
9
شۇنداق بولدىكى، ئۆز بۇزۇقچىلىقىنى شۇنچە كىچىك ئىش دەپ قارىغاچقا، ئۇ ھەتتا ياغاچ ۋە تاش بىلەن زىنا قىلىپ زېمىننى بۇلغىۋەتتى.
10
بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىماي ئىسرائىلنىڭ ئاسىي سىڭلىسى يەھۇدا تېخى پۈتۈن كۆڭلى بىلەن ئەمەس، پەقەت ساختىلىق بىلەن يېنىمغا قايتىپ كەلگەندەك بولۇۋالدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
11
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ۋاپاسىز ئىسرائىل ئۆزىنى ئاسىي يەھۇدادىن ھەققانىي كۆرسەتتى.
12
بارغىن، شىمالغا قاراپ بۇ سۆزلەرنى جاكارلاپ مۇنداق دېگىن: ــ «قايتىپ كەل، ئى يولدىن چىققۇچى ئىسرائىل، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ۋە مەن ساڭا قاپىقىمنى قايتا تۈرمەيمەن؛ چۈنكى مەن رەھىمدىل، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ مەن غەزىپىمنى مەڭگۈگە ساقلاپ تۇرمايمەن.
info
13
پەقەت سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى، ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاسىيلىق قىلغانلىقىڭنى، ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرۈپ ئۆزۈڭنى ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدا يات ئىلاھلارغا بېغىشلىغانلىقىڭنى، شۇنىڭدەك ئاۋازىمغا ھېچ قۇلاق سالمىغانلىقىڭنى ئىقرار قىلساڭلا مەندىن رەھىم-شەپقەت كۆرىسەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
14
قايتىپ كېلىڭلار، ئى يولدىن چىققۇچى بالىلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ چۈنكى مەن سىلەرنى ھەقىقىي سۆيگۈچىدۇرمەن؛ سىلەر شۇنداق قىلساڭلارلا مەن سىلەردىن تاللىغانلارنى، يەنى ھەرقايسى شەھەردىن بىردىن، ھەرقايسى جەمەتتىن ئىككىدىن پۇقرانى زىئونغا قايتۇرۇپ كېلىمەن.
info
15
مەن سىلەرگە كۆڭلۈمدىكىدەك خەلق پادىچىلىرىنى تەقسىم قىلىمەن؛ ئۇلار سىلەرنى دانالىق-بىلىم، ئەقىل-پاراسەت بىلەن بېقىپ ئوزۇقلاندۇرىدۇ.
16
شۇنداق بولىدۇكى، شۇ كۈنلەردە سىلەر زېمىندا كۆپىيىپ، كۆپ پەرزەنتلىك بولغىنىڭلاردا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى!» دەپ يەنە تىلغا ئالمايسىلەر؛ ئۇ ھېچ ئېسىڭلارغا كەلمەيدۇ، ئۇنى ھېچ ئەسلىمەيسىلەر ۋە ئۇنى ھېچ سېغىنىمايسىلەر؛ سىلەر باشقا بىر ساندۇقمۇ ياسىمايسىلەر.
info
17
شۇ تاپتا ئۇلار يېرۇسالېمنى «پەرۋەردىگارنىڭ تەختى» دەپ ئاتايدۇ؛ بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا يىغىلىدۇ، ــ يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا، يېرۇسالېمغا يىغىلىدۇ؛ ئۇلار قەلبىدىكى رەزىل جاھىللىقىغا قايتىدىن ھېچ ئەگىشىپ ماڭمايدۇ.
18
شۇ كۈنلەردە يەھۇدا جەمەتى ئىسرائىل جەمەتى بىلەن بىرلىكتە ماڭىدۇ؛ ئۇلار شىمال زېمىنىدىن بىللە چىقىپ مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا مىراس بولۇشقا تەقدىم قىلغان زېمىنغا كېلىدۇ.
19
مەن: «مەن سېنى بالىلىرىم قاتىرىغا قويۇپ، ساڭا گۈزەل زېمىننى، يەنى كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ كۆركەم جاينى مىراس قىلىپ ئاتا قىلىشنى شۇنچىلىك خالايتتىم!» ــ دېدىم، ۋە: «سەن مېنى «مېنىڭ ئاتام» دەيسەن، ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈمەيسەن!» ــ دېدىم.
info
20
لېكىن بەرھەق، ئاسىيلىق قىلغان ئايال ئۆز جۆرىسىدىن ئايرىلغاندەك، سىلەر ماڭا ئاسىيلىق قىلغانسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
21
يۇقىرى جايلاردىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ! ئۇ بولسا ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەرنىڭ يىغا-پەريادلىرى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆز يولىنى بۇرمىلىغان، پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئۇنتۇغان.
22
ــ قايتىپ كېلىڭلار، ئەي يولدىن چىققۇچى بالىلار؛ مەن سىلەرنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا شىپا بولىمەن. ــ «مانا، بىز يېنىڭغا بارىمىز؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدۇرسەن» ــ دەڭلار!
23
ــ بەرھەق، ئېگىزلىكلەردە ھەم تاغلاردا ئاڭلىتىلغان بۇتپەرەسلىكنىڭ قىيقاس-سۈرەنلىرى بىھۇدە ئىشتۇر! بەرھەق، ئىسرائىلنىڭ قۇتقۇزۇش-نىجاتى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىنلادۇر.
info
24
لېكىن ياشلىقىمىزدىن تارتىپلا، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەجرىنى، يەنى ئۇلارنىڭ كالا-قوي پادىلىرىنى، قىز-ئوغۇللىرىنى ئاشۇ ئۇيات-نومۇس يەپ كەتكەن؛
info
25
نەتىجىدە بىز ئۇيات-خىجىللىق ئىچىدە ياتتۇق، قالايمىقانچىلىق ۋە ئالاقزادىلىك بىزنى قاپلىۋالدى؛ چۈنكى ياشلىقىمىزدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر بىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىز ھەممىمىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلىپ كەلدۇق، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا ھېچ قۇلاق سالمىدۇق.
info
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter