يەرەمىيا15uig_ara
1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «مۇسا ياكى سامۇئىل پەيغەمبەرلەر ئالدىمدا تۇرغان بولسىمۇ، كۆڭلۈم بۇ خەلققە ھېچ قارىمايتتى. ئۇلارنى كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزۈۋەت! ئۇلار مەندىن نېرى چىقىپ كەتسۇن!2ئەگەر ئۇلار سەندىن: «بىز نەگە چىقىپ كېتىمىز؟» دېسە، سەن ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلۈمگە، قىلىچقا بېكىتىلگەنلەر قىلىچقا، قەھەتچىلىككە بېكىتىلگەنلەر قەھەتچىلىككە، سۈرگۈن بولۇشقا بېكىتىلگەنلەر سۈرگۈن بولۇشقا كېتىدۇ» ــ دەيسەن.3چۈنكى مەن تۆت خىل جازا بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىچ، تىتما-تىتما قىلىش ئۈچۈن ئىتلار، يۇتۇش ۋە ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر-زېمىندىكى ھايۋاناتلارنى جازا بولۇشقا بېكىتتىم؛4يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ يېرۇسالېمدا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن مەن ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار ئارىسىدا ۋەھىمىگە سالغۇچى بىر ئوبيېكت قىلىمەن.5چۈنكى كىم ساڭا ئىچىنى ئاغرىتىدۇ، ئى يېرۇسالېم؟ كىم سەن ئۈچۈن ئاھ-زار ئۇرىدۇ؟ كىم ئەھۋالىڭنى سوراشقا يولدا توختاپ يېنىڭغا بارىدۇ؟6سەن مېنى تاشلىۋەتكەنسەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سەن چېكىنىپ كەتتىڭ؛ مەن ئۈستۈڭگە قولۇمنى سوزۇپ سېنى نابۇت قىلىشقا تۇردۇم؛ مەن ساڭا ئىچىمنى ئاغرىتىشتىن ھالسىراپ كەتتىم.7شۇڭا مەن ئۇلارنى زېمىندىكى شەھەر قوۋۇقلىرىدا يەلپۈگۈچ بىلەن سورىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى بالىلاردىن جۇدا قىلىمەن ۋە خەلقىمنى نابۇت قىلىمەن؛ ئۇلار ئۆز يوللىرىدىن ھېچ يانمىدى.8كۆز ئالدىمدا ئۇلارنىڭ تۇل خوتۇنلىرى دېڭىز قۇملىرىدىن كۆپىيىپ كېتىدۇ؛ چۈش ۋاقتىدا مەن ئۇلارغا، يەنى يىگىتلەرنىڭ ئانىسىغا بىر ھالاك قىلغۇچىنى ئېلىپ كېلىمەن؛ مەن ئۇشتۇمتۇت ئۇلارنىڭ بېشىغا دەرد ۋە ۋەھىمە چۈشۈرىمەن.9يەتتە بالىنى تۇغقان ئانا سولىشىپ تىنىقىدىن قالاي دەپ قالىدۇ؛ كۈپكۈندۈزدە بۇ ئانىنىڭ قۇياشى تۇيۇقسىز مەغرىپكە پاتىدۇ؛ ئۇ شەرمەندە بولۇپ خورلۇق-ھاقارەتلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇلاردىن قالغانلارنى بولسا مەن دۈشمەنلەر ئالدىدا قىلىچقا تاپشۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
يەرەمىيا داد-پەرياد كۆتۈرىدۇ، پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىدۇ10ئاھ، ئانا، ھالىمغا ۋاي، چۈنكى سەن مېنى پۈتكۈل زېمىن بىلەن قارىشىلىشىدىغان بىر ئادەم، ئۇلار بىلەن ئېلىشىدىغان بىر ئادەم سۈپىتىدە تۇغقانسەن! مەن ئۇلارغا ئۆسۈمگە قەرزمۇ بەرمىدىم، ياكى ئۇلاردىن ئۆسۈمگە قەرزمۇ ئالمىدىم؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى مېنى قارغايدۇ!11پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، مەن بەختىڭگە سېنى ئازاد قىلىمەن؛ كۈلپەت ۋە بالايىئاپەت بولغان كۈنىدە مەن ساڭا دۈشمەننى چىرايلىق ئۇچراشتۇرىمەن.
خەلققە بولغان سۆز12تۆمۈر سۇنامدۇ؟ شىمالدىن چىققان تۆمۈر، ياكى مىس سۇنامدۇ؟13بەلكى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىڭ تۈپەيلىدىن، ئۇ چېتىڭدىن بۇ چېتىڭگىچە مەن بايلىقلىرىڭ ھەم خەزىنىلىرىڭنى ئولجا بولۇشقا ھەقسىز تاپشۇرىمەن؛14مەن سېنى دۈشمەنلىرىڭ بىلەن بىللە سەن ھېچ بىلمەيدىغان بىر زېمىنغا ئۆتكۈزىمەن؛ چۈنكى غەزىپىمدە بىر ئوت قوزغالدى، ئۇ ئۈستۈڭگە چۈشۈپ سېنى كۆيدۈرىدۇ.
يەرەمىيا يەنە داد ئېيتىدۇ15ئى پەرۋەردىگار، سەن ھالىمنى بىلىسەن؛ مېنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، ماڭا يېقىن كېلىپ مەندىن خەۋەر ئالغايسەن ۋە ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردىن ئىنتىقامىمنى ئالغايسەن؛ سەن ئۇلارغا سەۋر-تاقەت كۆرسەتكۈڭ بولسىمۇ، مېنى يوقاتمىغايسەن! مېنىڭ سېنى دەپ خورلىنىۋاقانلىقىمنى بىلگەيسەن.16سۆزلىرىڭگە ئېرىشىپ، ئۇلارنى يەۋالدىم؛ سۆزلىرىڭ ھەم مېنى شادلاندۇرغۇچى ۋە قەلبىمنىڭ خۇشاللىقى بولغان؛ چۈنكى مەن سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغانمەن، ئى پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا!17مەن بەزمە قىلغۇچىلارنىڭ سورۇنىدا ئويناپ-كۈلۈپ ئولتۇرمىدىم؛ سېنىڭ مېنى تۇتقان قولۇڭ تۈپەيلىدىن يالغۇز ئولتۇردۇم؛ چۈنكى سەن مېنى ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى بىلەن قاتتىق غەزەپلەندۈردۇڭ.18مېنىڭ ئازابىم نېمىشقا توختىمايدۇ، مېنىڭ يارامنىڭ داۋاسى يوق، نېمىشقا شىپا تاپمايدۇ؟ سەن ماڭا خۇددى «ئالدامچى ئېرىق» ۋە تۇيۇقسىز غايىب بولىدىغان سۇلاردەك بولماقچىسەن؟
پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىياغا بولغان جاۋابى19شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ھازىرقى ھالىتىڭدىن يېنىپ يېنىمغا قايتساڭ، مەن قايتىدىن سېنى ئالدىمدىكى خىزمەتتە تۇرۇشقا ياندۇرۇپ كېلىمەن؛ سەن قىممەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەرزىمەس سۆزلەرنى پەرقلەندۈرەلىسەڭ، سەن يەنە ئاغزىمدەك بولىسەن؛ بۇ خەلق سەن تەرەپكە قايتىپ كەلسۇن، لېكىن سەن ئۇلارنىڭ تەرىپىگە ھەرگىز قايتماسلىقىڭ كېرەك؛20ۋە مەن سېنى بۇ خەلققە نىسبەتەن مىستىن قوپۇرۇلغان، مۇستەھكەم بىر سېپىل قىلىمەن؛ ئۇلار ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلالمايدۇ؛ چۈنكى مەن سېنى قۇتقۇزۇشقا، ئۇلاردىن خالاس قىلىشقا سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.21ــ بەرھەق، مەن سېنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزىمەن؛ ئەشەددىيلەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزىدىغان نىجاتكارىڭ بولىمەن.