يەشايا
4
/
uig_ara
داۋامى
1
شۇ كۈنى يەتتە ئايال بىر ئەرنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن: ــ «بىز ئۆز نېنىمىزنى يەيمىز، ئۆز كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى كىيىمىز؛ پەقەت بىزنى رەسۋالىقتىن خالاس قىلىش ئۈچۈن، بىزنى نامىڭىزغا تەۋە قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز!» ــ دەيدۇ.
info
2
شۇ كۈنى «پەرۋەردىگارنىڭ شېخى» ئۇنىڭ گۈزەللىكى ھەم شەرىپىنى كۆرسەتكۈچى بولىدۇ، زېمىن بەرگەن مېۋە بولسا، قېچىپ قۇتۇلغان ئىسرائىلدىكىلەرگە شۆھرەت ۋە گۈزەللىك كەلتۈرىدۇ.
info
3
ھەم شۇنداق ئىش بولىدۇكى، زىئوندا قالغانلار، يېرۇسالېمدا توختىتىلغانلار، يەنى يېرۇسالېمدا ھايات دەپ تىزىملانغانلارنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس دەپ ئاتىلىدۇ.
info
4
شۇ چاغدا رەب ئادالەت يۈرگۈزگۈچى روھ ھەم كۆيدۈرگۈچى روھ بىلەن، زىئون قىزلىرىنىڭ پاسىقلىقىنى يۇيۇپ، يېرۇسالېمنىڭ قان داغلىرىنى تازىلايدۇ.
5
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار كۈندۈزدە زىئون تېغىدىكى ھەربىر ئۆي، شۇنداقلا بارلىق ئىبادەت سورۇنلارنىڭ ئۈستىگە ئىس-تۈتەك ۋە بۇلۇت، كەچتە بولسا ئوت يالقۇنىنىڭ جۇلاسىنى يارىتىدۇ؛ چۈنكى شان-شەرەپنىڭ ئۈستىدە سايىۋەن بار بولىدۇ.
info
6
شۇ كۈنى، كۈندۈزدە تومۇز ئىسسىققا سايە قىلىدىغان، خەتەردىن پاناھلىنىدىغان، بوران-يامغۇرلارغا دالدا بولىدىغان بىر سايىۋەنلىك كەپە بولىدۇ».
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter