يەشايا
18
/
uig_ara
يەشايانىڭ ئېفىئوپىيىدىن كەلگەن ئەلچىلەرگە بەرگەن بېشارىتى
1
ئاھ، ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ بويلىرىدىكى قاناتلارنىڭ ۋىژىلدىغان ئاۋازلىرى بىلەن قاپلانغان يەر-زېمىن! ــ سەن قومۇش كېمىلەر ئۈستىدە ئەلچىلەرنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ ئەۋەتىسەن؛ ــ ئى يەل تاپان خەۋەرچىلەر، ئېگىز بويلۇق ھەم سىلىق تېرىلىك بىر ئەلگە، يىراق-يېقىنلارغا قورقۇنچ بولىدىغان بىر مىللەتكە، زېمىنى دەريالار تەرىپىدىن بۆلۈنگەن، كۈچلۈك، تاجاۋۇزچى بىر ئەلگە قايتىپ بېرىڭلار!
info
3
جاھاندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى، جىمىكى يەر يۈزىدىكىلەر! تاغلاردا بىر تۇغ كۆتۈرۈلگەندىلا، كۆرۈڭلار! كاناي چېلىنغاندىلا، ئاڭلاڭلار!
info
4
چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ مەن تىنچلىقتا تۇرىمەن، نۇر ئۈستىدە يالىلداپ تۇرغان ئىسسىقتەك، ئىسسىق ھوسۇل مەزگىلىدىكى شەبنەملىك بۇلۇتتەك، ئۆز تۇرالغۇمدا كۆزىتىمەن؛
info
5
چۈنكى ھوسۇل ئېلىش ئالدىدا، ئۈزۈم چېچەكلىگەندىن كېيىن، چېچەكلەر ئۈزۈم بولغاندا، ئۇ پۇتىغۇچى پىچاقلار بىلەن بىخلارنى كېسىپ، ھەم شاخلىرىنى كېسىپ تاشلايدۇ.
info
6
ئۇلار يىغىشتۇرۇلۇپ تاغدىكى ئالغۇر قۇشلارغا، يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا قالدۇرۇلىدۇ. ئالغۇر قۇشلار ئۇلاردىن ئوزۇقلىنىپ يازنى ئۆتكۈزىدۇ، يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار ئۇلار بىلەن قىشنى ئۆتكۈزىدۇ.
info
7
شۇ كۈنىدە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا بىر سوۋغات ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ يەنى ئېگىز بويلۇق ھەم سىلىق تېرىلىك بىر مىللەتتىن، يىراق-يېقىنلارغا قورقۇنچ بولىدىغان بىر ئەلدىن، زېمىنى دەريالار تەرىپىدىن بۆلۈنگەن، كۈچلۈك، تاجاۋۇزچى بىر مىللەتتىن بېرىلىدۇ؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بولغان جايغا، يەنى زىئون تېغىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ.
info
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter