يەشايا
15
/
uig_ara
موئاب توغرۇلۇق بىر بېشارەت
1
موئاب توغرىسىدا يۈكلەنگەن ۋەھىي؛ ھالاكەتلىك بىر كەچتىلا، موئابتىكى ئار شەھىرى ۋەيران قىلىنىدۇ؛ ھالاكەتلىك بىر كەچتىلا، موئابتىكى كىر شەھىرى يوق قىلىنىدۇ؛
2
يىغا-زارلار كۆتۈرۈش ئۈچۈن، مانا ئۇ بۇتخانىسىغا، دىبونغا، شۇنداقلا بارلىق ئېگىزلىكلىرىگە چىقتى؛ موئاب نېبو ۋە مەدەبا شەھەرلىرى ئۈچۈن پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ ھەممە باشلار تاقىر كۆرۈنىدۇ، جىمىكى ساقاللار كېسىلىپ چۈشۈرۈلدى.
info
3
كوچىلاردا ئۇلار بۆز كىيىدۇ؛ ئۆگزىلىرىدە، مەيدانلىرىدا، ھەربىر ئادەم كۆز ياشلىرىنى ياغدۇرۇپ پەرياد كۆتۈرىدۇ.
4
ھەشبونغا، ئېلېئالاھ شەھەرلىرىگە يىغا ئولىشىدۇ، ئاۋازلىرى ياھاز شەھىرىگىمۇ يېتىپ بارىدۇ. شۇڭا موئابنىڭ ئەسكەرلىرىمۇ نىدا قىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ۋۇجۇد-باغرىنى تىترەك باسىدۇ.
5
مېنىڭ قەلبىممۇ موئاب ئۈچۈن يىغا-زار كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قاچقۇنلىرى زوئارغا ھەم ئەگلات-شېلى-شىجاغا بەدەر قاچىدۇ؛ مانا ئۇلار توپلىشىپ، يىغلىغان پېتى لۇھىتقا چىقىدىغان داۋان يولى بىلەن يۇقىرىغا ماڭىدۇ، ھورونائىمغا چۈشىدىغان يولدا تۇرۇپ ھالاكەتتىن نالە-زار كۆتۈرىدۇ.
6
چۈنكى نىمرىمدىكى سۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ، ئوت-چۆپلەر سولىشىپ، گۈل-گىياھ تۈگەپ كېتىدۇ؛ ھېچ ياپ-يېشىللىق قالمايدۇ.
info
7
شۇڭا ئۇلار بايلىقلىرى، تاپقان-تەرگىنىنى يىغىپ «تەرەك ۋادىسى»دىن ئۆتمەكچى بولىدۇ؛
8
ئۇلارنىڭ كۆتۈرگەن يىغىسى موئابنىڭ چېگراسىغا، ئاھۇ-زارلىرى ئەگلائىمغا، پىغانلىرى بەئەر-ئېلىمغا يېتىدۇ.
9
دىموننىڭ سۇلىرى قانغا تولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى دىموننىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ كۆپ بالايىئاپەتنى توپلايمەن؛ چۈنكى موئابنىڭ قاچقۇنلىرى ھەم زېمىنىدا قالغانلىرىنىڭمۇ ئۈستىگە بىر شىرنى ئەۋەتىمەن.
info
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter