ھوشىيا
14
/
uig_ara
ئىسرائىلنىڭ كەلگۈسىدە توۋا قىلىشى، قۇتقۇزۇلۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى
1
ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يېنىغا ئىككىلەنمەي قايتىپ كەل! چۈنكى ئۆز قەبىھلىكىڭ بىلەن پۇتلىشىپ يىقىلغانسەن.
2
ئۆزۈڭلار بىلەن بىللە سۆزلەرنى ئېپكېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتىڭلار؛ ئۇنىڭغا: ــ «بارلىق قەبىھلىكنى كەچۈرگەيسەن، شاپائەت بىلەن بىزنى قوبۇل قىلغايسەن، شۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا لەۋلىرىمىزدىكى «بۇقا قۇربانلىقلار»نى تۇتىمىز ــ دەڭلار.
info
3
ــ «ئاسۇرىيە بىزنى قۇتقۇزمايدۇ، ئاتلارغا مىنمەيمىز؛ بىز ھەرگىز ئۆز قولىمىز ياسىغىنىغا: ــ «خۇدايىمىز!» دېمەيمىز؛ چۈنكى سەندىنلا يېتىم-يېسىرلار رەھىم-شەپقەت تاپىدۇ».
info
4
ــ مەن ئۇلارنى «ئارقىغا چېكىنىشلىرى»دىن ساقايتىمەن، مەن ئۇلارنى چىن كۆڭلۈمدىن خالاپ سۆيىمەن؛ چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم ئۇنىڭدىن ياندى.
5
مەن ئىسرائىلغا شەبنەمدەك بولىمەن؛ ئۇ نىلۇپەردەك بەرق ئۇرىدۇ، يىلتىزلىرى لىۋان كېدىر دەرىخىدەك يىلتىز تارتىدۇ؛
6
ئۇنىڭ بىخلىرى شاخلاپ يېيىلىدۇ، ئۇنىڭ گۈزەللىكى زەيتۇن دەرىخىدەك، پۇرىقى لىۋان كېدىرىنىڭكىدەك بولىدۇ.
7
خەلق قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلار زىرائەتلەردەك ياشنايدۇ، ئۈزۈم تېلىدەك چېچەكلەيدۇ؛ لىۋاننىڭ شارابلىرى ئاغزىدا قالغاندەك، ئېسىدە شېرىن قالىدۇ.
info
8
ئەفرائىم: «مېنىڭ بۇتلار بىلەن يەنە نېمە كارىم!» ــ دەيدىغان بولىدۇ. «مەن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالىمەن!»؛ «مەن ياپيېشىل بىر قارىغايدۇرمەن»؛ «سېنىڭ مېۋەڭ مەندىندۇر!»
info
9
كىم دانا بولۇپ، بۇ ئىشلارنى چۈشىنەر؟ چېچەن بولۇپ، بۇلارنى بىلەر؟ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرى دۇرۇستۇر، ھەققانىيلار ئۇلاردا ماڭىدۇ؛ بىراق ئىتائەتسىزلەر ئۇلاردا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ.
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter