يارىتىلىش
10
/
uig_ara
نۇھنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرى ــ «ئەللەرنىڭ نەسەبنامىسى»
1
تۆۋۆندىكىلەر نۇھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ ئۇنىڭ ئوغۇللىرى شەم، ھام ۋە يافەت بولۇپ، توپاندىن كېيىن ئۇلاردىن ئوغۇللار تۆرەلگەن: ــ
info
2
يافەتنىڭ ئوغۇللىرى بولسا، گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس ئىدى.
3
گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىناز، رىفات ۋە تورگاماھ ئىدى.
4
ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلىشاھ، تارشىش، كىتتىيلار ۋە دودانىيلار ئىدى.
info
5
بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئاراللاردا ئايرىم-ئايرىم ياشىغان خەلقلەر بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز تىلى، ئۆز ئائىلە-قەبىلىلىرى بويىچە ئۆز زېمىنلىرىدا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان.
6
ھامنىڭ ئوغۇللىرى كۇش، مىسىر، پۇت ۋە قانائانلار ئىدى.
info
7
كۇشنىڭ ئوغۇللىرى سېبا، ھاۋىلاھ، سابتاھ، رائاماھ ۋە سابتىكا ئىدى. رائاماھنىڭ ئوغۇللىرى شېبا ۋە دېدان ئىدى.
8
كۇشتىن يەنە نىمرود تۆرەلگەن؛ ئۇ يەر يۈزىدە ناھايىتى كۈچتۈڭگۈر ئادەم بولۇپ چىقتى.
info
9
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى بولدى؛ شۇ سەۋەبتىن «پالانچى بولسا نىمرودتەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۈچتۈڭگۈر ئوۋچى ئىكەن» دېگەن گەپ تارقالغان.
info
10
ئۇنىڭ پادىشاھلىقى شىنار زېمىنىدىكى بابىل، ئەرەك، ئاككاد ۋە كالنەھ دېگەن شەھەرلەردە باشلانغانىدى.
info
11
ئۇ بۇ زېمىندىن ئاشۇر زېمىنىغا چىقىپ نىنەۋە، رەھوبوت-ئىر، كالاھ ۋە نىنەۋە بىلەن كالاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەسەن دېگەن شەھەرلەرنىمۇ بىنا قىلدى (بۇلار قوشۇلۇپ «كاتتا شەھەر» بولدى).
info
13
مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى لۇدىيلار، ئانامىيلار، لەھابىيلار، نافتۇھىيلار،
14
پاتروسىيلار، كاسلۇھىيلار (فىلىستىيلەر كاسلۇھىيلاردىن چىققان) ۋە كافتورىيلار ئىدى.
15
قانائاندىن تۇنجى ئوغۇل زىدون تۆرىلىپ، كېيىن يەنە ھەت تۆرەلگەن.
16
ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا يەبۇسىيلار، ئامورىيلار، گىرگاشىيلار،
17
ھىۋىيلار، ئاركىيلار، سىنىيلار،
18
ئارۋادىيلار، زەمارىيلار ۋە خاماتىيلار ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، قانائانىيلارنىڭ قەبىلىلىرى ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كەتتى.
19
قانائانىيلارنىڭ يۇرت چېگرىسى بولسا زىدوندىن تارتىپ، گەرار تەرىپىگە سوزۇلۇپ، گازاغا چىقىپ، ئاندىن سودوم، گوموررا، ئادماھ بىلەن زەبوئىم تەرىپىگە تۇتىشىپ، لېشاغىچە يېتىپ باراتتى.
20
يۇقىرىقىلار بولسا ھامنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ۋە تىللىرى بويىچە قوۋم بولۇپ ئۆز زېمىنلىرىدا ئولتۇراقلاشقانىدى.
21
شەممۇ ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى؛ شەم بولسا يافەتنىڭ ئاكىسى، ئېبەرلەرنىڭ ئاتا-بوۋىسى بولدى.
22
شەمنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاشۇر، ئارفاخشاد، لۇد، ئارام؛
23
ئارامنىڭ ئوغۇللىرى ئۇز، ھۇل، گەتەر، ماش ئىدى.
info
24
ئارفاخشادتىن شېلاھ تۆرەلدى، شېلاھتىن ئېبەر تۆرەلدى.
info
25
ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلگەن بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ ئىدى، چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋردە يەر يۈزىدە بۆلۈنۈش بولدى؛ پەلەگنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى.
info
26
يوقتاندىن ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يېراھ،
27
ھادورام، ئۇزال، دىكلاھ،
28
ئوبال، ئابىمائەل، شېبا،
29
ئوفىر، ھاۋىلاھ ۋە يوباب تۆرەلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
30
ئۇلارنىڭ ئولتۇرغان جايلىرى بولسا مېشادىن تارتىپ، سەففار دېگەن رايوننىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغقىچە سوزۇلاتتى.
31
يۇقىرىقىلار بولسا شەمنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۆز قەبىلىسى ۋە تىللىرى بويىچە قوۋم بولۇپ ئۆز زېمىنلىرىدا ئولتۇراقلاشقانىدى.
32
يۇقىرىدىكىلەر نۇھنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆز نەسەبلىرى ۋە قوۋملىرى بويىچە خاتىرىلەنگەن. توپاندىن كېيىنكى يەر يۈزىدىكى بارلىق قوۋملار ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تارقالغان.
Powered by Seed Bible API
expand_more
Search
All books
Old Testament
New Testament
chevron_left
Previous Chapter
Books
search
Search
explore
Discover
share
Share
chevron_right
Next Chapter