سامۇئىل «1»3uig_ara

پەرۋەردىگار سامۇئىلنى چاقىرىدۇ

1سامۇئىل دېگەن بالا بولسا ئەلىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇ كۈنلەردە كەم ئىدى؛ ۋەھىيلىك كۆرۈنۈشلەرمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى.2ۋە شۇنداق بولدىكى، بىر كۈنى ئەلى ئورنىدا ياتقانىدى (ئۇنىڭ كۆزلىرى تورلىشىپ كۆرمەس بولۇپ قالاي دېگەنىدى)3خۇدانىڭ چىرىغى تېخى ئۆچمىگەن بولۇپ، سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىغا يېقىنلا يەردە ياتاتتى.4پەرۋەردىگار سامۇئىلنى چاقىردى. ئۇ: ــ مانا مەن بۇ يەردە، دېدى.5ئۇ ئەلىنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ: ــ مانا مەن، مېنى چاقىردىڭغۇ، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن چاقىرمىدىم؛ قايتىپ بېرىپ ياتقىن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ ياتتى.6پەرۋەردىگار يەنە: «سامۇئىل!» دەپ چاقىردى. سامۇئىل قوپۇپ ئەلىنىڭ قېشىغا بېرىپ: مانا مەن، مېنى چاقىردىڭغۇ، دېدى. لېكىن ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن چاقىرمىدىم ئى ئوغلۇم، يەنە بېرىپ ياتقىن، دېدى.7سامۇئىل پەرۋەردىگارنى تېخى تونۇمىغانىدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا تېخى ئايان قىلىنمىغانىدى.8لېكىن پەرۋەردىگار يەنە ئۈچىنچى قېتىم: «سامۇئىل!» دەپ چاقىردى؛ ئۇ قوپۇپ ئەلىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ مانا مەن؛ سەن مېنى چاقىردىڭ، دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ئەلى پەرۋەردىگار بالىنى چاقىرىپتۇ، دەپ بىلىپ يەتتى.9شۇنىڭ بىلەن ئەلى سامۇئىلغا: ــ بېرىپ ياتقىن. ئۇ ئەگەر سېنى چاقىرسا، سەن: ــ ئى پەرۋەردىگار، سۆز قىلغىن، چۈنكى قۇلۇڭ ئاڭلايدۇ، دەپ ئېيتقىن، دېۋىدى، سامۇئىل بېرىپ ئورنىدا ياتتى.10ۋە پەرۋەردىگار كېلىپ يېقىن تۇرۇپ ئىلگىرىكىدەك: ــ «سامۇئىل، سامۇئىل!» دەپ چاقىردى. سامۇئىل: ــ سۆز قىلغىن، چۈنكى قۇلۇڭ ئاڭلايدۇ، دەپ جاۋاب بەردى.11پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: ــ مانا مەن ئاڭلىغانلارنىڭ ئىككى قۇلىقىنى زىڭىلداتقۇدەك بىر ئىشنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىدا قىلماقچىمەن.12شۇ كۈنىدە مەن بۇرۇن ئەلىنىڭ جەمەتىدىكىلەر توغرىسىدا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ باشتىن ئاخىرغىچە ئادا قىلىمەن!13چۈنكى ئۆزىگە ئايان بولغان قەبىھلىك تۈپەيلىدىن مەن ئۇنىڭغا، سېنىڭ جەمەتىڭدىن مەڭگۈلۈك ھۆكۈم چىقارماقچىمەن، دەپ ئېيتقانمەن؛ چۈنكى ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ ئىپلاسلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى توسمىدى.14ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەلىنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە قەسەم قىلغانمەنكى، ئەلىنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ قەبىھلىكى مەيلى قۇربانلىق بىلەن بولسۇن، مەيلى ھەدىيە بىلەن بولسۇن كافارەت قىلىنماي، ئەبەدگىچە كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، دېدى.15سامۇئىل ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە يېتىپ، ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچتى. ئەمما سامۇئىل ۋەھىيلىك كۆرۈنۈشنى ئەلىگە ئېيتىشتىن قورقتى.16لېكىن ئەلى سامۇئىلنى چاقىرىپ: ــ ئى سامۇئىل ئوغلۇم، دېدى. ئۇ: ــ مانا مەن، دەپ جاۋاب بەردى.17ئۇ: ــ ئۇ ساڭا نېمە سۆز قىلدى؟ سەندىن ئۆتۈنەي، ئۇنى مەندىن يوشۇرمىغىن. ئەگەر ئۇنىڭ ساڭا ئېيتقانلىرىنىڭ بىرىنى ماڭا ئېيتماي قويساڭ، خۇدا دېگىنىنى سېنىڭ بېشىڭغا چۈشۈرسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق چۈشۈرسۇن! ــ دېدى.18شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل ئۇنىڭغا ھېچنېمىنى قالدۇرماي ھەممىنى دەپ بەردى. ئەلى: ــ مانا، ئۇ پەرۋەردىگاردۇر؛ ئۇ نېمىنى لايىق تاپسا، شۇنى قىلسۇن، دېدى.19سامۇئىل ئۆسۈپ چوڭ بولۇۋاتاتتى ۋە پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتقان بېشارەتلىك سۆزلىرىدىن ھېچقايسىسىنى يەردە قالدۇرمايتتى.20شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل داندىن تارتىپ بەئەر-شېباغىچە سامۇئىلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبىرى قىلىپ تىكلەنگەنلىكىنى بىلىپ يەتتى.21شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار شىلوھدا ئۆزىنى يەنە ئايان قىلدى. چۈنكى پەرۋەردىگار شىلوھدا ئۆز سۆز-كالامى ئارقىلىق سامۇئىلغا ئۆزىنى ئايان قىلدى؛ ۋە سامۇئىل ئۇنىڭ سۆزىنى پۈتكۈل ئىسرائىلغا يەتكۈزدى.